سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا چوڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىرلارنى باشلىدى
فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكانىڭ جەڭ تەييارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە باشلىغان بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرلىرى، ئاسىممېترىك جەڭ قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇشنى نىشان قىلدى.
فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا چوڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىرلارنى باشلىدى
The drills respond to increasing Chinese activity in disputed waters. [Photo: AFP] / AFP

فىلىپپىن ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەلىرى دۈشەنبە كۈنى (2025-يىلى 31-مارت) بىرلەشمە مانېۋىرلارنى باشلىدى. مانىلا ھەربىي دائىرىلىرى: «بۇ مانېۋىرلار ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆزئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ۋە <ئىستراتېگىيەلىك توسۇش> نى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.

بۇ مانېۋىرلار بېيجىڭ بىلەن مانىلا ئوتتۇرىسىدىكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش رايونلىرى ئۈستىدىكى بىر نەچچە ئايلىق قارشىلىشىشلاردىن كېيىن باشلاندى. ئاپرېل (2025) نىڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى ئامېرىكا-فىلىپپىن ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز مانېۋىرلىرىنىڭ پىلانلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى ئارتۇر كوردۇرا دۈشەنبە كۈنى مانېۋىرلارنى باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى:

«جەڭ تەييارلىقنى كۈچەيتىش ۋە بىرلەشمە ۋەزىپە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش < Cope Thunder >مانېۋىرىنىڭ مەركىزى بولىدۇ.»

فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر،  2022-يىلى فېردىناند ماركوس (Ferdinand Marcos) فىلىپپىندە پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن بېرى چوڭقۇرلاشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە فىلىپپىنغا  «F-16» ئايروپىلانلىرىنى سېتىش توغرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتتىن بېرى مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان كېلىشىمنى تەستىقلىدى، بىراق مانىلا بۇ كېلىشىمنىڭ «ھېلىھەم سۆھبەت باسقۇچىدا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكالىق مايور گېنېرال كرىستوفېر شېپپارد (Christopher Sheppard) دۈشەنبە كۈنكى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ سۈرئىتى تېزلەشمەكتە» دېدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US to 'deter' China by supporting Philippines: Pentagon

تەيۋەنگە يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرلار

«Cope Thunder»  مانېۋىرى 18-ئاپرېل (2025) غىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مانېۋىر «ئاسىممېترىك جەڭ قېبىلىيىتى» نى، ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆزئارا ماسلىشىشنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك چەكلەشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسى يەنە: «كەلگۈسىدە بىز <Balikatan> مانېۋىرىغا يۇقىرى دەرىجىدە ماسلىشىشنى، بۇ مانېۋىر ئارقىلىق بىزنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ چەك-چېگرالىرىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

«Balikatan»      نىڭ پىلانلانغان مانېۋىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە ئوخشاش، «Cope Thunder» مانېۋىرىمۇ فىلىپپىننىڭ تەيۋەنگە ئەڭ يېقىن بولغان شىمالىي لۇزون ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تەيۋەننى ئايروپىلان ۋە پاراخوتلار بىلەن قورشاپ، سۈنئىي قامال تەقلىدى ياراتقاندا، فىلىپپىن ھەربىي ئەمەلدارى رومېيو بىراۋنېر (Romeo Brawner):  »ئەگەر بۇ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ئارالغا تاجاۋۇز قىلىنسا، دۆلىتىمىز <چوقۇم> بۇ ئىشقا ئارىلىشىدۇ« دەپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ۋە زورلۇق بىلەن بۇ جاينى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلدى.

مانىلا ھۆكۈمىتى بىراۋنېرنىڭ سۆزلىرى ئاساسلىقى تەيۋەندىكى فىلىپپىنلىق ئىشچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش تىرىشچانلىقىغا قارىتىلغان دەپ چۈشەنچە بەردى. بىراق، ۋاشىنگتون بىلەن مانىلا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا فىلىپپىندىكى توققۇز بازىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى تەيۋەندىن تەخمىنەن 400 كىلومېتىر (250 مىل) يىراقلىقتىكى كاگاياننىڭ سانتائانا رايونىدىكى دېڭىز ھەربىي بازىسىدۇر.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتې خېگسېت (Pete Hegseth) يېقىندا ئەمەلگە ئاشۇرغان مانىلا زىيارىتىدە، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئارال دۆلىتى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى «داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.

ئۇ 28-مارت: «چەكلەش دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە زۆرۈر، لېكىن بولۇپمۇ بۇ رايوندا، سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردا، كوممۇنىستىك خىتاينىڭ تەھدىتىنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ تېخىمۇ مۇھىم» دېدى.

فلىپپىن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى رامكىسىدا تۇنجى قېتىملىق مانېۋىر 1951-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Beijing conducts 'combat' ready patrols around South China Sea shoal

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى