ئوربان بۈگۈن تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.
ئوربان زىيارىتى دائىرىسىدە دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ۋېنگىرىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى زولتان كوۋاچس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، باش مىنىستىر ئورباننىڭ بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«باش مىنىستىر ئوربان ئۇكرائىنا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر، تىنچلىق ئۈمىدى ھەم تۈركىيە – ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئوربان 2024-يىللىق تۈركىيە-ۋېنگىرىيە ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.»