تايلاند مىقياسىدا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 80 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
«Bangkok Post» گېزىتىنىڭ تايلاند ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت باڭكوكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 رايوندا سۇ سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە قارىماي كەلكۈن ئاپىتى داۋاملاشماقتا.
تەۋسىيە
تەخمىنەن 604 مىڭ 265 ئائىلە ۋە 1 مىليون 830 مىڭ كىشى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.




















