ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
2017-يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى 900 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قايتتى
تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز 2017-يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان جەمئىي 885 مىڭ 642 سۈرىيەلىكنىڭ ۋەتىنىگە قايتقانلىقىنى جاكارلىدى.
00:00
2017-يىلدىن بۇيان  تۈركىيەدىكى 900 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قايتتى
2017-يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى 900 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قايتتى / AFP

تۈركىيەنىڭ ۋىتسې-پىرىزىدېنتى جەۋدېت يىلمازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلدىن بۇيان تۈركىيەگە يىلماز دۈشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«تۇنجى تۈركۈمدىكى سۈرىيەلىكلەر چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە بەرپا قىلىنغان بىخەتەر رايونلارغا قايتتى. كېيىنچە، دىكتاتور بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشى تېزلەشتى.»

تۈركىيە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2024-يىلى 9-دېكابىردىن بۇيان 145 مىڭ 639 سۈرىيەلىك ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قايتقان —سۈرىيەلىكلەر ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ كۈتۈلمىگەن ھۇجۇمىدىن كېيىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە يىمىرىلىشىدىن كېيىنلا يۇرتىغا قايتقان.

مۇئاۋىن  جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەدە بىخەتەرلىك شەرت - شارائىتلىرى، ئاساسلىق مۇلازىمەتلەر ۋە ئىقتىسادىي مۇھىت ياخشىلانغانسېرى بۇ سانلارنىڭ تېخىمۇ تېز كۆپىيىشى كۈتۈلمەكتە.»

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەدە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ئىزىغا چۈشۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى:

«سۈرىيەدە كۈندىلىك ھايات ئىزىغا چۈشمىسە، تۈركىيەدىكى ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلارنىڭ سۈرىيەگە قايتىشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرمەكتىمىز، لېكىن بۇلار يېتەرلىك ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ھەم قوغداشتۇر.»

بەششار ئەسەد ئۇدا 25 يىل سۈرىيەنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، 8-دېكابىر كۈنى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ دەمەشقنى ئىگىلىشىدىن كېيىن رۇسىيەگە قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، 1963-يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت  يۈرگۈزۈپ كەلگەن بەئىس پارتىيەسى دەۋرى ئاخىرلاشتى.

بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئۆكتىچى كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ئەھمەد ئەششارا 29-يانۋار كۈنى ئۆتكۈنچى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت باشلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى