خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاپا 14-لېئو ئىسرائىلىيەنى غەربىي قىرغاقتىكى زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ۋاتىكان دۆلەت باشلىقى پاپا 14-لېئو خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان زوراۋانلىقىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
پاپا 14-لېئو ئىسرائىلىيەنى غەربىي قىرغاقتىكى زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
پاپا لېئو ۋاتىكاندىكى ئەۋلىيا پېترۇس مەيدانىدا ھەپتىلىك ئاممىۋى قوبۇل قىلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزمەكتە. (سۈرەت: رويتېرس ئارخىپى)

ۋاتىكاننىڭ ئورگان تاراتقۇسى «ۋاتىكان خەۋەرلىرى» (Vatican News) تور بېكىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋاتىكان دۆلەت باشلىقى پاپا 14-لېئو (Papa 14. Leo) يەكشەنبە كۈنىدىكى دۇئادىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ياشاۋاتقان پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە، پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ۋە قايتا-قايتا سادىر بولۇۋاتقان بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاپا خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش لايىھەسىگە ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىققا بارىدىغان يولدا ئەمەلىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 12-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەربىي قىرغاقتا پەلەستىن زېمىنلىرىنى تارتىۋالغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ب د ت نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2026-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان تەخمىنەن 260 پەلەستىن مەھەللىسىنى نىشان قىلغان 1430 دىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن. ئۆي-ماكانلارنى ۋەيران قىلىش ۋە قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن، تەخمىنەن يېرىمى بالىلار بولۇپ جەمئىي 3800 پەلەستىنلىك يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى