غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ
ئامېرىكا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە 200 ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ / AP

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەر ئورتاق كونترول مەركىزى قۇرىدىغان بولۇپ، غەززەدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان باشقا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارى ۋاشىنگتوننىڭ غەززەنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورتاق ۋەزىپە گۇرۇپپىسى دائىرىسىدە 200 ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن غەززەدە ھېچقانداق ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئىككى ئەمەلدار پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، بۇ 200 ئەسكەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قىسمىلىرىنىڭ يادرولۇق ئەترىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەترەتنىڭ مىسىر، قاتار، تۈركىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئورنىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى، لېكىن ئورتاق كونترول مەركىزىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، غەززەدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان باشقا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىنىڭ پىلانلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ پەسەيتىلىشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يېڭى نورماللىشىش كېلىشىملىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى تەكىتلىدى.

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئىسرائىلىيە بىلەن بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ماراكەش ۋە سۇدان ئوتتۇرىسىدا ئىبراھىم كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ