سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ناتو باش كاتىپى: تۈركىيە ئۇكرائىنا-رۇسىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە زور رول ئوينىماقتا
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې، تۈركىيەنىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئەستايىدىل بىر مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ناتو باش كاتىپى: تۈركىيە ئۇكرائىنا-رۇسىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە زور رول ئوينىماقتا
NATO Secretary General Mark Rutte speaks to the press members ahead of the NATO Foreign Ministers' Informal Meeting held at the NEST Congress Center in Belek, Antalya. / Photo: AA / AA

ناتو باش كاتىپى پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىكى ئۆزگىچە دىپلوماتىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە ئىتتىپاق ئىچىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، بىرلىك ئورنىتىشقا چاقىردى.

باش كاتىپ مارك رۇتتې، ئىتتىپاقنىڭ ئانتاليانىڭ جەنۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «تۈركىيە بۇ يەردە زور رول ئويناۋاتىدۇ، چۈنكى تۈركىيە ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە ئىگە ھەمدە جىددىي بىر ئۇچرىشىش مەركىزى سۈپىتىدە قارىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، رۇتتې، تۈركىيەنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى بىر يەرگە كەلتۈرۈش كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق سۆھبەتتە مەركىزىي رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«بۇ سۆھبەتلەرنى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان كىشىلىرىڭىز بار؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىڭىز، جۇمھۇر رەئىسىڭىزگە ئوخشاش» دېدى.

ئانتاليادىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۇكرائىنا، قورال-ياراغ ھەمكارلىقى ۋە سانائەت ئىقتىدارىنىڭ كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى كۈتۈلمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو پەيشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئادىل تىنچلىق بىلەن نەتىجىلىنىدىغان ھەر قانداق بىر مېخانىزمغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇبىيو تۈركىيەدىكى غەيرىي رەسمىي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرىكى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، توقۇنۇشنىڭ ھەربىي چارىسى يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump says he might attend Russia-Ukraine talks in Türkiye on Friday

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى