خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىنغا ئېغىر زەربە بەرگەن «كالمائېگى» دېڭىز بورىنى ۋىيېتنامغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
كالمائېگى دېڭىز بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر تالاپەت تەخمىنەن ئىككى مىليون كىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، 560 مىڭدىن ئارتۇق يېزا-قىشلاق ئاھالىسى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.
فىلىپپىنغا ئېغىر زەربە بەرگەن «كالمائېگى» دېڭىز بورىنى ۋىيېتنامغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
A man walks along a muddy street where cars piled up after being swept away in floods brought by Typhoon Kalmaegi, Philippines, November 5, 2025. / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ6-كۈنى

پەيشەنبە كۈنى، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس بۇ يىل دۆلەتكە زەربە بەرگەن ئەڭ ئەجەللىك تەبىئىي ئاپەت — «كالمائېگى» دېڭىز بورىنىنىڭ دۆلەتنىڭ مەركىزىي ئۆلكىلىرىدە كەم دېگەندە 241 كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

بۇ ئىسسىق بەلباغ بورىنى چارشەنبە كۈنى تاقىم ئاراللىرىدىن ئايرىلىپ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا قاراپ يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى، كەم دېگەندە 114 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە 127 كىشىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، ئىزدېرەكسىز يوقاپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان مەركىزىي سېبۇ ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن.

دېڭىز بورىنىنىڭ تەسىرىدە 560 مىڭدىن ئارتۇق يېزا-قىشلاق ئاھالىسى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەخمىنەن 450 مىڭ كىشى جىددىي پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا يۆتكەلدى. ماركوسنىڭ جىددىي ھالەت ئېلانى دېڭىز بورىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش يىغىنىدا جامائەتچىلىككە ئۇقتۇرۇلدى. بۇ قارار ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئەھۋال مەبلىغىنى تېخىمۇ تېز تەقسىملىشىگە، شۇنداقلا ئاشلىقنى بېسىپ يېتىۋېلى، مال باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلىدۇ.

دۆلەتنىڭ مەركىزىي رايونلىرىنى ۋەيران قىلغان بۇ بوران ۋىيېتنامغا قاراپ يۆتكىلىۋاتقاندا قايتىدىن كۈچەيدى. ۋىيېتنامنىڭ گىيا لەي ئۆلكىسىدە، دائىرىلەر قاتتىق يامغۇر ۋە كۈچلۈك شامال كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان كەلكۈن ۋە يېزا ئىگىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 12 گىچە تەخمىنەن 350 مىڭ كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنگەن ئىدى.

دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولغان خو چى مىن شەھىرى، دېڭىز بورىنى ئېلىپ كەلگەن شىددەتلىك يامغۇر بىلەن دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلىشى بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىشى سەۋەبىدىن ئېغىر كەلكۈن خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، سايگون دەرياسىدا دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، شەھەرنىڭ بەزى جايلىرىدا 100 مىللىمېتىرغىچە يامغۇر يېغىشى مۇمكىن ئىكەن. دائىرىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ پەس جايلاردا كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

پۇقرالار مۇداپىئەسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى راففى ئالېخاندرو DZBB رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا: «ھازىرقى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق خارابىلىكلەرنى تازىلاش... بۇلارنى دەرھال تازىلاش كېرەك. بۇ، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ خارابىلىكلەر ئارىسىدا قېلىش ياكى بىخەتەر رايونلارغا يېتىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنى باھالاش ئۈچۈنمۇ، ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ زۆرۈر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ يىل فىلىپپىنغا زەربە بەرگەن 20-بوران بولغان «كالمائېگى» كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەت، بۇنىڭدىن ئاران بىر ئاي ئىلگىرى سېبۇنىڭ شىمالىدا يۈز بېرىپ، نەچچە ئون كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 6.9 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۈز بەردى.

«كالمائېگى» ۋىيېتنامغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئۈستىدە قايتىدىن كۈچەيدى. بوراننىڭ ھوسۇل يىغىش مەزگىلى داۋاملىشىۋاتقان مۇھىم قەھۋە ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە مەركىزىي ئۆلكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ۋىيېتنام ئاۋىياتسىيە دائىرىلىرى دانانگ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز ئايرودۇرۇمدىكى تىجارەتلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ۋە يەرلىك دائىرىلەر يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بوراننىڭ يۆتكىلىشىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراندا  چۈشۈرىۋېتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 100 مىليون دوللار