ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ساھەلىرىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ / Reuters
2025-يىلى7-ئاينىڭ8-كۈنى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقنى كۈچەيتىش ۋە رايونلۇق تىنچلىق ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 9-ئىيۇل كۈنى پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار، پاكىستان ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال (مارشال) سەييىد ئاسىم مۇنىر بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئىقتىساد، سودا ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە كۈچلۈك ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۈركىيە بىلەن پاكىستان رايونلۇق مۇقىملىق ئۈچۈن ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارغا ئىگە. بولۇپمۇ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشىغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە، ئىككى دۆلەت تېررورىزم كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا.

تۈركىيە ۋە پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ 2025-يىلى فېۋرال ئېيىدا ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇچرىشىشلاردا، 2026-يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان كېيىنكى يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - ‘Türkiye first to show solidarity with Pakistan after Indian strikes’

تۈركىيە ماي ئېيىدا ئىككى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇدا تۆت كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇشنىڭ باشلىرىدا 31 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ھىندىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن تۇنجى دۆلەت بولدى. ئەنقەرە شۇندىن بۇيان رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوللاش ئىرادىسىنى تەكرارلاپ كەلمەكمەكتە.

تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە. ئىككى دۆلەت ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنى رايونلۇق بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن بىۋاسىتە تەھدىت دەپ قارايدۇ.

پاكىستان تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى قوللايدۇ. 2023-يىللىق بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ھازىر پاكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگۈچىسى ھېسابلىنىدىكەن. ئەنقەرە 2023-يىلى ئىسلامئابادنىڭ ئومۇمىي قورال-ياراغ ئېھتىياجىنىڭ 11% نى قاندۇرۇپ، پاكىستانغا 21 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئېكسپورت قىلغان.

خاقان فىدان 2024-يىلى 18-مايدىن 20-مايغىچە پاكىستاندا تۇنجى قېتىم رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئۇ يېقىندا 21-22-ئىيۇن كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دار بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر 2009-يىلى ئورنىتىلغان ۋە كېيىنچە ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىغا ئۆستۈرۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى سىياسىي سەۋىيەدە قۇرۇلمىلاشتى.

بۇ دائىرىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. 2024-يىلى سودا ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 300 مىليون دوللارغا، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى 918 مىليون دوللارغا، ئىمپورتى بولسا 440 مىليون دوللارغا يەتكەن.

تۈركىيەنىڭ پاكىستاندىكى ئومۇمىي سېلىنمىلىرى تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. تۈركىيە قۇرۇلۇش شىركەتلىرى پاكىستاندا ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق 72 تۈرنى ھۆددىگە ئالدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ۋە مۇھىم مىنېراللار ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا. 2025-يىلى ئاپرېلدا تۈركىيە نېفىت شىركىتى بىلەن پاكىستاننىڭ ئۈچ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئورتاق تەكلىپ كېلىشىمى ئورتاق نېفىت ھەم تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى
«ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبە»نى باشتىن كەچۈرگەن ئاراقچى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 330 مىليون دوللارلىق 11 دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بىز بەلگىلەيمىز
ئىران تەرەپتىن تۈركىيەگە قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇپ قېلىندى
ئىران: «ئامېرىكا سىرىلانكا قىرغاقلىرىدا زەربە بەرگەن كېمىدە 104 ئەسكەر ئۆلدى»
ئىران خامەنېينىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى