خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
ترامپ ئىراننىڭ ئامېرىكا تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقىغا قارىتا ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك تاللاشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئىران بولسا، يېڭى ھۇجۇم يۈز بەرگەن تەقدىردە «ئۇرۇشنىڭ جۇغراپىيەسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
(ئارخىپ) ترامپ: «پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن»

«Fox»  قانىلىنىڭ مۇخبىرى ترېي يىڭستنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران تەلەپلەرنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە، بۇ دۆلەتنى «پارتلىتىۋېتىش» كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ تاللاشلارنىڭ ئىچىدە ئىراننى پۈتۈنلەي يوقىتىش، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشقا تاشلاپ قويۇش ياكى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ سۆزلەر تېھران دائىرىلىرىنىڭ «ئامېرىكا ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر دۆلەت خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقى» ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن ئېيتىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ رايوندىكى ئامېرىكالىقلارغا قارىتا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۇھىببى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارىتا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر يېڭى ھۇجۇم يۈز بەرسە، مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ئۇسۇلىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. يېڭى ھۇجۇم يۈز بەرسە، قورال ۋە ئۇرۇشنىڭ جۇغراپىيەسىنى ئۆزگەرتىمىز» دېدى.

مۇھىببى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر يېڭى ھۇجۇم يۈز بەرسە، مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ئۇسۇلىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. قورال ۋە ئۇرۇشنىڭ جۇغراپىيەسىنى ئۆزگەرتىمىز. يېڭى ئىقتىدارلار سەپلەنگەن يېڭى قوراللارنى جەڭ مەيدانىغا چىقىرىمىز، دۇنيا ھەيران قالىدۇ. نىشانلىرىمىز ئىلگىرىكى نىشانلار ئەمەس. بىز تېخى ھۇجۇم قىلىنمىغان يېڭى نىشانلارنى بەلگىلىدۇق».

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى