تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى
تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم جىددىي ئىنسانىي ياردەم چاقىرىقى قىلدى.
تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى
تۈركىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇرەسسەچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەمدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولى ئارقىلىق غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ «ئالدىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

 مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى كۈتىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇرۇش توختىتىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بەرگەن غەززەگە جىددىي ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى دەرھال باشلاش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە كەلگۈسىدە غەززەگە كۆپ مىقداردا ئىنسانىي ياردەم بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»

باياناتتا، پەقەت ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسى ئادىل ھەل قىلىنغاندىلا ئاندىن ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورناتقىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدە قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قاتار، مىسىر ۋە ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. تۈركىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باسقۇچلىرىدا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇش ۋە قوللاش ئىرادىسىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەردوغان: غەززە كېلىشىمىنى قارشى ئالىمىز، پەلەستىننى داۋاملىق قوللايمىز

 ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانى

 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان غەززە كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

29 – سېنتەبىر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان 20 ماددىلىق پىلان، پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ بەدىلىگە بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى ئازاد قىلىش، ئۇرۇش توختىتىش، ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 67 مىڭ 200 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان بومباردىمانلار غەززەنى ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»