تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 - يىللىقى بولغان 25-ماي ئافرىقا كۈنىنى تەبرىكلەپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىنىڭ تەرەققىيات، ئادالەت ۋە تىنچلىق مۇساپىسىدە دائىم يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى

مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ تىنچلىق، ئەركىنلىك، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق روھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئالاھىدە كۈننىڭ سەمىمىيەت بىلەن تەبرىكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا بىرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى ۋە ھەمكارلىقنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئافرىقا بىرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولغان تۈركىيە، باراۋەر شېرىكلىك، ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت بىلەن تەڭ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ تەرەققىيات، ئادالەت ۋە تىنچلىق مۇساپىسىدە ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ دائىم يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ رامكىدا، بۇ يىل ئۆتكۈزۈشنى نىشانلىغان ۋە ھەمكارلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان <تۆتىنچى نۆۋەتلىك تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنى> نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. تۈركىيە ۋە ئافرىقا، تىنچلىق، باياشاتلىق ۋە مۇقىملىقنى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە ھۆكۈمران قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»