تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييار
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييار
خاقان فىدان ن ت ۋ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. رويتېرس. / Reuters

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە، تۈركىيەنىڭ شارائىتلار يار بەرسە غەززەگە ئەسكەر تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى؛ سۈرىيەدىكى نازۇك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۆزگىرىۋاتقان كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شارائىت پىشىپ يېتىلسە ئىسرائىلىيەنىڭ ئېتىرازلىرىغا قارىماي، غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەنقەرەنىڭ بىۋاسىتە رول ئېلىش ئىرادىسىنى شۇنداقلا ئۇرۇشتىن كېيىنكى باشقۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە رايون خاراكتېرلىك دىپلوماتىيە پىلانلىرىنى چۈشەندۈردى.

جۈمە كۈنى كەچتە ن ت ۋ (NTV) تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىدان، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ غەززەدىكى رولىغا ئالاقىدار «ھەممە نەرسىگە قارشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى؛ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەنقەرەنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «زۆرۈر شارائىتلار پىشىپ يېتىلسە، ھەربىي ياردەم بېرىش ئىرادىمىز بار» دېدى.

فىدان تۈركىيەنىڭ غەززەگە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە رايوندىكى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان يېڭى بىر «تىنچلىق كېڭىشى» نىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەييارلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئايرىم كومىتېتلارنىڭ غەززەنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە كۈندىلىك مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Turkish Foreign Minister Fidan hails Gaza 'Board of Peace' as historic chance for lasting peace

تۈركىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ياردەملىرى داۋاملاشماقتا

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان فىدان، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر ھەپتە قايتا ئېچىلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى. قەھرىتان قىشتا چېدىرلاردا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن كونتېينېر ئۆيلەرنى ئەۋەتىشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى؛ تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ نەق مەيداندىكى ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھاماسنىڭ قورال تاشلىشى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ھەرىكەت پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەنقەرەنىڭ ئالدىنقى نىشانىنىڭ غەززە خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىدا قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - President Erdogan welcomes Syria ceasefire, urges lasting settlement

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى؟

فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ يەنىلا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر بارلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق بىر قەدەمنىڭ رايوننى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئۇ: «ئۇلارنىڭ باشقىچە بىر يول تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما رېئاللىق شۇكى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەۋاتىدۇ» دېدى.

سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار

سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان فىدان، ي پ گ (YPG) بىلەن دەمەشىق ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان تۆت كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ نازۇك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى ئۇزارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە دائېش مەھبۇسلىرىنىڭ سۈرىيەدىن ئىراققا يۆتكىلىشىگە دىققەت تارتتى.

تۈركىيەنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ قايتا ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاكتىپ دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، ئەھمىيەتلىك بىر سۆزلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ ي پ گ نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى كۈچىنى يوقىتىشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى؛ ئەرەبلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلاردىكى قەبىلە قۇرۇلمىلىرى ۋە يەرلىك قوزغىلاڭ خەتەرلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مۆلچەرلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

فىدان ئەنقەرەنىڭ «ي پ گ شىمالىي ئىراقنى مەركەز قىلغان پ ك ك رەھبەرلىكىگە تولۇق بويسۇنىدۇ» دېگەن مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، سۈرىيەلىك بولمىغان پ ك ك ئەزالىرىنىڭ سۈرىيەدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى. سىنجاردىكى پ ك ك مەۋجۇتلۇقىنىڭ «داۋاملىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى ئېيتقان فىدان، تەشكىلاتنىڭ گۇمران بولۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ي پ گ  غىمۇ ئەنقەرەدىن كەلگەن سىگناللارغا سەل قارىماسلىق ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئەگىشىپ كەتمەسلىك چاقىرىقىدا بولدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye will emerge as a central power in 'reshaped global order': President Erdogan

يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ سىياسىتىدىكى «خەتەرلىك دەۋر»

ئۇ رايون سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالغاندا، چوڭ كۈچلەرنىڭ مۇجىمەللىك پەيدا قىلىۋاتقان ۋە قائىدە-تۈزۈمگە ئاساسلانغان تەرتىپنى ئاجىزلىتىۋاتقان «خەتەرلىك بىر دەۋرگە» قەدەم قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا «ئوتتۇراھال كۈچلەر» ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى؛ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان يەر شارى تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ كىچىك مېغىز بىلەن باشلىسىمۇ، كەڭ رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاقلارنى قۇرۇپ، قۇتۇپلىشىشنى ئازايتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش تىرىشچانلىقى ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ بۇنداق بىر زېمىننى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ ئىتتىپاقنىڭ پارچىلىنىشىدىن بېشارەت ئەسكەرتىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنىڭ مەخپىي ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ غەرب ئىتتىپاقى نۇقتىسىدىن ئاقىۋەتلىرى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى