ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى-فەد (FED) پۇل پاخاللىقى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى .
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ يېڭى باشلىقى كېۋىن ۋارش. (سۈرەت: رويتېرس،ئارخىپ) / Reuters Archive

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ يېڭى باشلىقى كېۋىن ۋارش (Kevin Warsh) پۇل پاخاللىقىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىدىغان «سېھىرلىك تاياقچە» نىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇقىم ساقلاپ قالدى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن پۇل پاخاللىقى

ئۆرلەۋاتقان بولۇپ، بانكا كومىتېتىنىڭ 12 تەدبىر بەلگىلىگۈچىسى ئىچىدىكى ئۈچ ئەزا ئۆسۈم نىسبىتىنى %0.25 ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى بەشىنچى قېتىملىق يىغىنىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى %3.50 تىن %3.75 ئارىلىقىدا مۇقىم ساقلىدى. بانكا باشلىقى كېۋىن ۋارش ەش يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بېرى ئامېرىكا ئائىلىلىرىگە ئېغىر قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان پۇل پاخاللىقىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشتا سۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى.

ئۇ: «بىز خىزمەت ئۈستىدە، بىز نەتىجە يارىتىمىز. بىز لازېر نۇرىدەك زېھنىمىزنى يىغىپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ھەمدە مەركىزىي بانكانىڭ پۇل پاخاللىقىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىدىغان «سېھىرلىك تاياقچە» نىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ۋارش ئىقتىسادنىڭ يېقىنقى داۋالغۇشلىرىغا قارىماي «كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بەرداشلىق» بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلغان ترامپ تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن يېڭى بانكا باشلىقى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىش يىغىنلىرىدا بىر مەيدان «ياخشى ئائىلە جېدىلى» (قىزغىن مۇنازىرە) بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان ئىدى.

ئۇ چارشەنبە (2026-يىلى 29-ئىيۇل) كۈنى ئۆزى دېگىنىدەك بولغانلىقىنى، يەنى مەركىزىي بانكانىڭ ئۈچ تەدبىر بەلگىلىگۈچىسىنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ پىكرىگە قوشۇلماي، مەركىزىي بانكانىڭ ھازىردىن باشلاپ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋارش مۇخبىرلارغا: «بىزنىڭ مۇزاكىرەلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى پۇل سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە تۇردى. بىز ئۇلاردىن قاچمىدۇق، قورقمىدۇق. خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇش بولدى. بۇ ھەقىقىي بىر مەيدان ئائىلە جېدىلى بولدى» دېدى.

بانكا كومىتېتىنىڭ بۇنچە كۆپ ئەزاسىنىڭ كۆپ سانلىقنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ئوخشىمايدىغان پىكردە بولۇشى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US Senate confirms Kevin Warsh as Federal Reserve chair, succeeding Jerome Powell

كونا ئەزالار ئەندىشە قىلماقتا

پۇل پاخاللىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆسۈم ئۆستۈرۈش زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار پەقەت شۇ ئۈچ كىشىلا ئەمەس. ئۈچ رەت قىلغۇچىدىن سىرت، بانكا كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كىرىستوفىر ۋاللېر ۋە لىسا كۇكمۇ يېقىنقى ھەپتىلەردە ئۆز ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بانكانىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى دىيان سۋونك (Diane Swonk) قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى: «بىزنىڭ يېڭى باشلىقىمىز بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كونا ئەزالار يىل (2026) بېشىدىن بېرى ئىقتىسادنىڭ يۆنىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا» دېدى.

قەيت قىلىنىشىچە، كۆپىنچە مەبلەغ سالغۇچىلار مەركىزىي بانكانىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇقىم تۇتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، ئەمما يىغىن ئېچىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى مۆلچەرلەر كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

ئۆتكەن ئايدا ئىستېمال پۇل پاخاللىقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 كە چۈشكەن، ئەمما ترامپنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە پۇل پاخاللىقىنىڭ قايتا ئۆرلەش مۆلچەرى قايتىدىن كۈچەيگەن. يېقىنقى ھەپتىلەردە  ئۇرۇش قايتا كەسكىنلەشكەن.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ قوش ۋەزىپىسى بار، ئۇ بولسىمۇ پۇل پاخاللىقىنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە %2 لىك نىشاندىلا تۇتۇپ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش. بانكانىڭ بۇ نىشانغا يېتىشتىكى ئاساسلىق قورالى ئۆسۈم نىسبىتىنى بېكىتىشتۇر. ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئادەتتە ئىقتىسادىي ھەرىكەتچانلىقنى چەكلەيدۇ، ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش بولسا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بانكا چارشەنبە كۈنى (30-ئىيۇل) ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى. بۇ توققۇز تەدبىر بەلگىلىگۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتكە مۇۋاپىق تەسىركۆرسىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ راك كېسىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئېلان قىلىندى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋ ئەتراپىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى