پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: تۈركىيە پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلايدۇ
ئەنقەرە بىلەن ئىسلامئاباد سودا، دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇشتىن باشقا، دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
فىدان: تۈركىيە پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلايدۇ
فىدان: تۈركىيە پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلايدۇ / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسلامئابادقا قىلغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىدان چارشەنبە كۈنى پاكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، ئەنقەرەنىڭ بولۇپمۇ ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە ئىسلامئاباد بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى،ل ھەمدە تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«كانچىلىق، تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار مەسىلىسىدىمۇ ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.»

فىدان  ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە نېفىت شىركىتى (TPAO) بىلەن پاكىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئېنېرگىيە كېلىشىمىنى، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش يولىدىكى «ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ ئاتىدى.

بۇ كېلىشىم سايىسىدا، تۈركىيە ۋە پاكىستان شىركەتلىرى پاكىستاننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئورتاق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ، تۈركىيە-پاكىستان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.

فىدان بۇ ھەقتە دېدى:

«بىز ئىشقا كىرىشتۈرگەن تېخىمۇ سىستېمىلاشقان خىزمەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بىرىمۇ دەل مۇشۇ بولىدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye-Pakistan cooperation growing: Erdogan

 تۈركىيە – پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى

 

ئىسھاق دار ئىسلامئاباد بىلەن ئەنقەرەنىڭ ئىقتىساد، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى، ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى ماختىغان دار، ئىسلامئابادنىڭ ھازىرقى ئىستراتېگىيەلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، رايوندا تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان پائالىيەتلەردە «ئاكتىپ» رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تارقىتىش شىركەتلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye condemns ‘heinous’ terrorist attack in Pakistan

 ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون

 

دار ئىككى دۆلەتنىڭ تۈركىيەلىك كارخانىچىلار ئۈچۈن كاراچى ۋە ئىستانبۇلدا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش خىزمىتى ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«پاراخوت سۆكۈش ۋە ئامباردا ساقلاش، يېزا ئىگىلىك سۈيىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردە تۈركىيەنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىكىدىن پايدىلىنىشنى ئاكتىپ ھالدا كۆزىتىۋاتىمىز.»

ئۇ، ئىسلامئاباد بىلەن ئەنقەرەنىڭ ئۇدا 11 يىلدىن بۇيان خىزمىتى توختاپ قېلىۋاتقان بىرلەشمە مىنىستىرلار كومىتېتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى ۋە بۇ كومىتېتقا پاكىستان سودا مىنىستىرى جەم كامال بىلەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ تەڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى كېلەر يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 8 – نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى