مالايشىيادىكى كەلكۈن ئاپىتى تەخمىنەن 11 مىڭ كىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

كېداھ، كېلانتان، پېناڭ، پېراك، پەرلىس، تېرېڭگانۇ ۋە سېلانگور ئۆلكىلىرى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.

By
مالايشىيادىكى كەلكۈن ئاپىتى تەخمىنەن 11 مىڭ كىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى / Reuters

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە مالايشىيا يەتتە ئۆكىسىدە يۈز بەرگەن  كەلكۈن جەمئىي 10 مىڭ 922 كىشى ئېغىر تەسىرگە كۆرتسەتتى، كېلانتان ئاپەتنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان ئۆلكە بولدى.

دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى بېرنامانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كېلانتان ئۆلكىسى، بۈگۈن ئەتىگەندە 3022 ئائىلىدىن 8248 نەپەر ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سان، ئالدىنقى كېچە بىلدۈرۈلگەن 7830 نەپەر ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك بىر ئېشىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، كېلانتاندىكى ۋەزىيەت رايوندىكى شىددەتلىك يامغۇرنىڭ داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن تېخىچە خەتەرلىك ھالەتتە تۇرماقتا.

باشقا ئۆلكىلەرمۇ ئۆرلەپ كەتكەن سۇ سەۋىيەسى بىلەن كۈرەش قىلماقتا. پەرلىستە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار سانى، بىر كېچە بۇرۇن 35 ئائىلىدىن 114 كىشى بولغان بولسا، بۈگۈن ئەتىگەندە 243 ئائىلىدىن 811 كىشىگە ئۆرلەپ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدى.

پېناڭدىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار سانى ئېشىپ 57 ئائىلىدىن 242 كىشىگە يەتتى؛ پېراكدىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، كېداھ ۋە تېرېڭگانۇدا كەلكۈننىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلار سانىنىڭ ئازىيىشى بىلەن مەزكۇر كىرىزىس مۇھىتىدا قىسمەن يەڭگىللەش كۆرۈلدى.

سېلانگور كەلكۈننىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆلكە بولدى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلەن ياردەم خىزمەتلىرى تەلەپ قىلىدىغان رايونلار تىزىملىكىگە قوشۇلدى.