تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۆزبېكىستان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (BRICS) نىڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا بولدى
يېڭى تەرەققىيات بانكىسى دەسلەپكى باسقۇچتا ئۆزبېكىستان ئۈچۈن ئورتاق تۈرلەردە 5 مىليارد دوللارلىق فوند تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۆزبېكىستان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (BRICS) نىڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا بولدى
ئۆزبېكىستان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (BRICS) نىڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا بولدى / User Upload

ئۆزبېكىستان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلى قارمىقىدىكى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزبېكىستان جۇمھۇر رەئىسى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى دىلما روسسېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، ئۆزبېكىستان بىلەن بانكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بانكا باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ بانكىغا ئەزالىقىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن تەستىقلىغانلىقىدىن مەمنۇنلۇقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن يىلقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر دائىرىسىدە، دەسلەپكى باسقۇچتا ئۆزبېكىستان ئۈچۈن جەمئىي 5 مىليارد دوللارلىق ئورتاق تۈرلەرنى بەرپا قىلىشنىڭ پىلانلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىرزىيويېۋ دۆلەتتىكى سۇغىرىش سىستېمىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كانچىلىق ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇسۇسىي ئىگىلىكنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، مائارىپ ۋە ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدە ھۆكۈمەت-خۇسۇسىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە ئورتاق تۈرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆزبېكىستان ئۆتكەن يىلى بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىران، مىسىر، ئېفىيوپىيە ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى 2015-يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىغا بىر تاللاش يارىتىش ھەمدە ئەزا دۆلەتلەردە دوللارلاشتۇرۇش جەريانىنى ئاستىلىتىش مەقسىتىدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى قۇرغان ئىدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى