ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى — گازپروم (Gazprom)، ياۋروپانىڭ يەر ئاستى تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى گاز يېتىشمەسلىكىنىڭ سوغۇق ھاۋا مەزگىلىدە ئېنېرگىيە بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەش نۇقتىسىدىن ئېغىر خەۋپ يارىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
سانكت-پېتىربۇرگ خەلقئارا گاز مۇنبىرىدە «گازپىروم» لوگوسى كۆرۈنمەكتە (ئارخىپ سۈرىتى)

گازپروم يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپادىكى تەبىئىي گاز ئامبارلىرىنىڭ ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدىكى گاز تولۇش ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارغا باھا بەردى.

ئامبارلاردىكى تەبىئىي گاز قىسچىلىقىنىڭ 12 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، 31-ئىيۇلغىچە بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامبارلاردىكى تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %17.3 ئاز ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

شۇنداقلا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەبىئىي گاز ئامبارلىرىنىڭ تولۇش نىسبىتىنىڭمۇ ياۋروپا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا: «نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيەت، سوغۇق ھاۋا مەزگىلىدە ياۋروپالىق ئىستېمالچىلارنى تەبىئىي گاز بىلەن ئىشەنچلىك تەمىنلەش نۇقتىسىدىن زور خەۋپ ياراتماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، گازپرومنىڭ ياۋروپاغا قىلىدىغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتى يۈرگۈزۈلگەن جازالار سەۋەبىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغانىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ راك كېسىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئېلان قىلىندى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋ ئەتراپىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى