غەززەدىكى ئاياللار ۋە قىزلار ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ ئىنسانىي تراگېدىيەلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى غەززەدىكى ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسلارنىڭ بىرى دەپ سۈپەتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان غەززەدىكى ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ ئىنسانىي تراگېدىيەلەرنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ب د ت ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ سىياسەت، پىلان ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارا قوللاش دىرېكتورى ساراخ ھېندىرىكىس (Sarah Hendriks) پەلەستىندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ھەتتا ھايات قېلىشنىڭمۇ كۈندىلىك بىر كۈرەش بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھېندىرىكىس نىيۇيوركتىكى ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا: «غەززەدىكى ئاياللار ۋە قىزلار ھايات قېلىشنىڭمۇ كۈندىلىك بىر كۈرەشكە ئايلانغان، دۇنيادىكى ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ ئىنسانىي تراگېدىيەلەر ۋە رېئاللىقلارنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ توقۇنۇشلارنى توختىتىش چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ھېندىرىكىس، كۈچىيىۋاتقان زورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئالدىدا «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاياللار ۋە قىزلارغا بىلەن چىن كۆڭلىدىن ھەمدەرد بولىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.
ھېندىرىكىس ب د ت ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ غەززەدىكى مەجبۇرىي كۆچۈش، روھىي زەخىم ۋە بىخەتەرلىكسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاياللار رەھبەرلىكىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ساراخ ھېندىرىكىس: «ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى پەقەت ھايات قېلىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇلار ئىززەت-ھۆرمەت، ئادالەت، تىرىكچىلىك مەنبەسى ۋە كەلگۈسىنى قايتا قۇرۇشتا رول ئېلىشنى خالايدۇ»، دەپ كۆرسەتتى ھەمدە غەززەدىكى ئاياللارنىڭ چىدامچانلىقى ۋە رەھبەرلىك كۈچىنىڭ سىجىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، قوغداش ۋە خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.