تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئولېكساندىر ئۇسىك، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى بولدى
ئۇكرائىنالىق بوكىسچى ئولېكساندىر ئۇسىك، دۇبۇئانى يەرگە يىقىتپ، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى بولدى.
ئولېكساندىر ئۇسىك، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى بولدى
ئولېكساندىر ئۇسىك، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى بولدى / Reuters

ئۇسىك مۇسابىقىدىن كېيىن: «ھازىر ئۆيۈمگە قايتقۇم بار، ھازىر بىر تاللاش قىلغۇم بار؛ بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولار… مەن بوكىسنى داۋاملاشتۇرىمەن، مەشىقنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى.

ئولېكساندىر ئۇسىك دانىيېل دۇبۇئانى بەشىنچى مەيداندا يەرگە يىقىتپ، ئىككىنچى قېتىم مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى بولدى.

بۇ مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان سولخاي بوكىسچى، شەنبە كۈنى WBA، WBC  ۋە WBO چېمپىيونلۇق بەلبېغىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە، بىر يىل ئىلگىرى قولدىن بېرىپ قويغان IBF چېمپىيونلۇق بەلبېغىنىمۇ قايتۇرۇۋالغان بولدى.

ئۇكرائىنالىق بوكىسچى ئولېكساندىر ئۇسىك، ۋېمبلېي تەنتەربىيە مەيدانىنى لىق تولدۇرغان تاماشىبىنلار ئالدىدا، بەشىنچى راۋوندنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۇبۇئانى كۈچلۈك بىر سول مۇشت بىلەن يەرگە يىقىتىپ، مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.

بۇ ئۇسىكنىڭ 2023-يىلى پولشانىڭ كراكوۋ شەھىرىدە توققۇزىنچى راۋوندتا مۇسابىقىنى توختىتىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 27 ياشلىق ۋە ئۆزىدىن تەخمىنەن 11 ياش كىچىك بولغان دۇبۇئانى ئىككىنچى قېتىم مەغلۇپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇسىك مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇزۇن بىر دەم ئېلىش مەزگىلىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە كېيىنكى رەقىبىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، پارلاق كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇسىك: «مەن ئۈچ يېرىم ئاي تەييارلىق قىلدىم، ئائىلەمدىكىلەرنى، ئايالىمنى كۆرمىدىم. ھەر كۈنى 14 كىشىلىك گۇرۇپپام بىلەن بىر ئۆيدە ياشىدىم، ھەر كۈنى پەقەت ئوخشاش چىرايلارنىلا كۆردۈم» دېدى.

ئۇ يەنە: «ھازىر ئۆيۈمگە قايتقۇم بار، ھازىر بىر تاللاش قىلغۇم بار؛ بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولار… مەن بوكىسنى داۋاملاشتۇرىمەن، مەشىقنى داۋاملاشتۇرىمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

 

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى