سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
سۈرىيە، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئومان قاتارلىق  ئەرەب ئەللىرى لىۋاننىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنى كۈچەيتىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى / Reuters

سۈرىيە، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئومان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالدى. مەزكۇر دۆلەتلەر لىۋان دۆلىتىنى كۈچەيتىش ۋە قوراللارنى پەقەت دۆلەت ئورگانلىرىنىڭلا ئىشلىتىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە بۇ ئۆزگىرىشنى رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تاشلانغان «مۇھىم بىر قەدەم» دەپ سۈپەتلىدى.

سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (SANA) خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەمەشقنىڭ؛ لىۋاننىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى، شۇنداقلا لىۋان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مىنىستىرلىق يەنە كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا ياردەم بەرگەن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلارغا رەھمەت ئېيتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەنىڭ ھەم لىۋاندا ھەم تېخىمۇ كەڭ ئەرەب جۇغراپىيەسىدە مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارغا تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋىزارىتى؛ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا لىۋان پىرېزىدېنتى يۈسۈف ئەۋن، باش مىنىستىرى نەۋۋاف سالام ۋە پارلامېنت رەئىسى نەبىھ بەررىنىڭ زىمىمىسىگە ئالغان «زور ۋە ئىجادىي رولى» غا يۇقىرى باھا بەردى. شۇنداقلا لىۋان دۆلىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت زېمىنلىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇشى، قوراللارنىڭ دۆلەتنىڭلا كونتروللۇقىدا بولۇشى ۋە مىللىي ئورگانلارنىڭ قايتىدىن پۇت تىرەپ تۇرۇشى مەسىلىسىدىكى «تەۋرەنمەس قوللىشى» نى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئۇرۇش توختىتىشنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئېلىپ، ئەۋن، سالام ۋە بەررىنىڭ جارى قىلدۇرۇۋاتقان رولىغا يۇقىرى باھا بەردى.

تاشقى ئىشلار ۋىزارىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، پادىشاھلىقنىڭ؛ «لىۋان دۆلىتىنىڭ بارلىق لىۋان زېمىنلىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇشى، قوراللارنىڭ دۆلەتنىڭلا كونتروللۇقىدا تۇتۇلۇشى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى مەسىلىلىرىدە ئىيوردانىيەگە ئوخشاشلا تولۇق قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.»

ئومانمۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى ھەمدە بارلىق تەرەپلەرنى كېلىشىم شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە؛ ئىسرائىلىيە ۋە لىۋاننىڭ ئاۋىۋ شۇ جاي ۋاقتى بىلەن ئەتە كېچىدە باشلىنىدىغان 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا لەقىمى بىلەن خىتاب قىلىپ، «لىۋاننىڭ ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنتى يۈسۈف ئەۋن ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېبى نېتانياھۇ بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم» دېدى.

ترامپ يەنە، «بۇ ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى تۇرغۇزۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى بىلەن سائەت 17:00 دە رەسمىي 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى باشلاشقا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى.

بۇ بايانات سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە لىۋان ۋە ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال كۈنى ئىرانغا قارىتا ھۇجۇملارنى باشلىشى؛ تېھراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ۋە پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا، لىۋاندا بولسا ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيەگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن ھىزبۇللاھقا قارىتا باشلىغان ھۇجۇملىرىدا، ئاخىرقى ئالتە ھەپتە ئىچىدە 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1 مىليون كىشى بولسا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ