سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 342 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، تەخمىنەن 900 كىشىنى يارىلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى / AA

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىدا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيە 10-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلغان بولدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەسكەرلەرنىڭ ئىككى ئايرىم ۋەقەدە «تەھدىت پەيدا قىلغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا قارىماي، قورال كۈچى ئىشلىتىشىنى كۆپىنچە ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئاقلايدۇ.

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە سەھىيە مەنبەلىرى غەززە شەھىرىنىڭ زەيتۇن مەھەللىسىنىڭ شەرقىدە بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەن ئىدى.

ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان نۇقتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە كۈچلىرى چېكىنگەن رايوننىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىندى.

غەززە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى ئىشخانىسى ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ كەم دېگەندە 342 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، تەخمىنەن 900 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

باياناتتا، داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىسپاتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2023 - يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 70 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان ھۇجۇملار رايوننى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ ئۆيلەرنى، ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋە كەڭ پۇقرالار رايونلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى ھەم نۇپۇسنىڭ ھالقىلىق قىسمىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايىرىۋەتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلىتىدىغان رادىيونى تاقىۋەتتى
تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگىمۇ ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتى
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھورمۇز ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى
ئۇكرائىنا كېچە بويىچە رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئىككى كىشى ئۆلۈپ، 12 كىشى يارىلاندى
ئىران: «ئۇكرائىنا پات يېقىندا ئىراننىڭ ھېچبىر جىنايەتنى جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ»
ئەھمەد شەرا ئەردوغاننىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكادىكى يېمەك-ئىچمەك فېستىۋالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشى يارىلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەگە قەتلىئام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلدى
توقايېۋ پۇتىنغا «ئىستانبۇل فورمۇلاسى 2.0» غا قايتىش چاقىرىقىدا بولدى
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا