خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى
فىرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كائېن (Caen) شەھىرىدە بىر شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلىنى توپلاشقان ئاممىنىڭ ئۈستىگە ھەيدىشى نەتىجىسىدە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 7 كىشى ئېغىر، جەمئىي 10 كىشى يارىلاندى.
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتكەن 26 ياشلىق گۇماندار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

سائەت 22.15 ئەتراپىدا پويىز ئىستانسىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كوچىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئاپتوموبىلنىڭ پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە قەستەن ھەيدەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋەقەدىن بۇرۇن رايوندا بىر جېدەل چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلدارلىرى، قۇربانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 17 بىلەن 40 ياش ئارىسىدىكى ئەرلەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

روسىيەدە تۇغۇلغان 26 ياشلىق گۇماندارنىڭ ئىستخبارات دائىرىلىرى تەرىپىدىن تونۇلىغانلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خاتىرىلىرىدە بولسا پەقەت قاتناش جىنايەتلىرى دېلوسىنىڭلا بارلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

نەخ مەيداندىن قاچقان گۇماندار، تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيسترېھام شەھىرىدە قولغا چۈشۈرۈلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە مۇئەييەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەش دېلوسى باشلىدى.

سۈرۈشتۈرۈشنىڭ تېخى باشلىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەسئۇللار مەۋجۇت سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار