ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان سىنگاپورنىڭ يەر ئاستى ئامبارلىرىدا نېفىت ساقلاشنى پىلانلىماقتا
سەئۇدى ئەرەبىستان 2027-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، سىنگاپوردا خام نېفىت ساقلاشنى پىلانلىماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان سىنگاپورنىڭ يەر ئاستى ئامبارلىرىدا نېفىت ساقلاشنى پىلانلىماقتا
(ئارخىپ) سىنگاپور ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى تان سى لېڭ ئۆز دۆلىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىتى ساقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

«سترايتس تايمس» گېزىتىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىنگاپور ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى تان سى لېڭ «مارىنا بەي سەندس» تە ئۆتكۈزۈلگەن سىنگاپور خەلقئارا ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.

مىنىستىر تاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سىنگاپور ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، 2027-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خام نېفىتىنى سىنگاپوردىكى «جۇرۇڭ تاش ئۆڭكۈرلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان غايەت زور يەر ئاستى ساقلاش ئەسلىھەسىدە ساقلاشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 26-ئۆكتەبىردە رەسمىي ئىمزالانغان ئېنېرگىيە كېلىشىمىنىڭ، سەئۇدى خام نېفىتىنى سىنگاپوردىكى مەخسۇس بىر ئەسلىھەدە ساقلاشقا تولۇق ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تان نۆۋەتتىكى دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان تەمىنات قىسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت تارتىپ، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ دۇنياۋى ئېنېرگىيە توشۇش ئېقىمىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، جۇرۇڭ ئارىلىنىڭ يەر يۈزىدىن 150 مېتىر چوڭقۇرلۇقىغا جايلاشقان بۇ يەر ئاستى ئەسلىھەسىنىڭ ئومۇمىي نېفىت ساقلاش سىغىمى 1 مىليون 470 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ
پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى