سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيەدە تەخمىنەن 42 مىڭ جەسەت ئېلىپ كېتىلمىگەن
مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە 2050-يىلغا بارغاندا 52 مىليون 600 مىڭ ئائىلىنىڭ 23 مىليون 300 مىڭى يالغۇز كىشىلىك ئائىلە بولىدىكەن.
ياپونىيەدە تەخمىنەن 42 مىڭ جەسەت ئېلىپ كېتىلمىگەن
Nearly 42,000 bodies unclaimed in Japan in 2023 / AP

ياپونىيەدە ھۆكۈمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، 2023-يىلى 42 مىڭغا يېقىن جەسەت ئېلىپ كېتىلمىگەن.

مەركىزىي توكيوغا جايلاشقان «كيودو خەۋەرلىرى» نىڭ يەكشەنبە كۈنى (2025-يىلى 30-مارت) دىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جەسەتلەر كېيىنچە يەرلىك ئورگانلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلگەن ياكى دەپنە قىلىنغان.

ئېنىقلانغان ۋە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان 41 مىڭ 969 جەسەت 2023-يىلى قازا قىلغانلارنىڭ %2.7 نى تەشكىل قىلغان.

سەھىيە، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن جەسەت كۆيدۈرۈشتىن ئىلگىرى قانچىلىك ساقلاش كېرەكلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بېكىتىلگەن بەلگىلىمىسى يوق ئىكەن.

قەبرىستانلىق ۋە دەپنە قىلىش قانۇنى ۋە باشقا بەلگىلىمىلەردە، ئەگەر جەسەتنىڭ ئىگىسى تېپىلمىسا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت جەسەتنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېلىپ كېتىلمىگەن جەسەت ۋە جەسەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشتە، پەقەت %11.3 يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىپ كېتىلمىگەن جەسەت ۋە جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قوللانمىسىنىڭ بارلىقى بايقالغان.

دۆلەتلىك نوپۇس ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدە  2050-يىلغا بارغاندا 52 مىليون 600 مىڭ ئائىلىنىڭ تەخمىنەن 23 مىليون 300 مىڭى، يەنى %44.3 ى يالغۇز كىشىلىك ئائىلىلەر بولىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ