پاكىستان ئافغانىستان پايتەختى ۋە باشقا جايلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى
قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كۈچەيمەكتە؛ پاكىستان دائىرىلىرى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىتىلغان ھەر قانداق تەھدىتكە قارشى «كەسكىن جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
پاكىستان كېچىدە كابۇلغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. (سۈرەت: رويتېرس/ئارخىپ) / Reuters
ئافغانىستان ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسى پايتەخت كابۇل، قەندەھار ۋە پاكتىيا ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە جايلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان.
ئافغانىستان دائىرىلىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، پاكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «بەزى رايونلارنى» نىشانلىق ھاۋا بومباردىمانى قىلغانلىقى، شۇ يەر ۋاقتى تەخمىنەن 02:30 ئەتراپىدا كابۇل شەھەر مەركىزىدە نۇرغۇن قېتىم چوڭ پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئافغانىستان ھۆكۈمەت باياناتچىسى ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىسلامئاباد ئېغىر زىيانلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى مۇشەررەف زايدى قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 133 تالىبان ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 200 دىن ئارتۇق تالىباننىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ پاكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ 27 تالىبان ھەربىي پونكىتىنى، ئىككى قوماندانلىق ئىشىتابىنى ۋە 80 دىن ئارتۇق تانكا ۋە برونېۋىكنى ۋەيران قىلغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.
پاكىستان بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەندەھاردىكى ھۇجۇملاردا بىر ئوق-دورا ئىسكىلاتى ۋە بىر ئارقا سەپ بازىسى يوقىتىلغان.
بۇ جەرياندا، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ دۇراند سىزىقى بويىدىكى پاكىستان نۇقتىلىرىنى نىشان قىلغان قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يېرىم كېچىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پەيشەنبە (2026-يىلى 26-فېۋرال) كۈنى سەھەردە تۆت سائەت داۋاملاشقان چېگرا توقۇنۇشىدا، ئاز دېگەندە سەككىز تالىبان ئەسكىرى ۋە ئىككى پاكىستان ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى كەسكىن ۋەزىيەت، پاكىستاننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن يۈز بەردى. ئىسلامئاباد ئۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا 70 «تېررورچى» نىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ب د ت پۇقرالارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس توقۇنۇشلارغا قارىتا ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باش كاتىپنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىكنىڭ ئېيتىشىچە، گۇتېررېس «ئالاقىدار تەرەپلەرنى خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە رىئايە قىلىش» قا ۋە مەسىلىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرغان.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان پاكىستاننىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىشى، كابۇلنىڭ بولسا بۇنى رەت قىلىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بارغانچە ناچارلاشماقتا.