دۇران 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
دۇران 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنىنى تەبرىكلىدىجۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك باياناتى ئېلان قىلدى.
دۇران 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنى ۋە تۈركىيە مۇھىت ھەپتىلىكىنى تەبرىكلىدى.

دۇران ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى  ئاممىۋى تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«مۇھىتنى ئاسراش، پەقەت تەبىئەت ئالدىدىكىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىمىز ئالدىدىكىمۇ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. بۈگۈن بىز تاشلىغان ھەر بىر قەدەم، ئەتە بالىلىرىمىزغا قالدۇرىدىغان دۇنيانىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

ھۆرمەتلىك ئەمىنە ئەردوغان خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <نۆل تاشلاندۇق> ھەرىكىتى، مۇھىتنى ئاسراش ۋە بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەسىلىسىدە دۆلىتىمىزدە كۈچلۈك بىر ئاڭ شەكىللەندۈردى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقئارادا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن نەمۇنىلىك بىر مۇھىت ئاسراش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئايلاندى. كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسنىڭ ئاسرالغان بىر مۇھىت ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىر دۇنيا ئىكەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز. تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ يېشىل ۋە ياشاشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تەبىئەت بىلەن ماسلاشقان بىر تۇرمۇش چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنى ۋە تۈركىيە مۇھىت ھەپتىلىكى مۇبارەك بولسۇن.»

ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى