بەش كۈن داۋاملىشىدىغان «ئەركىنلىك قىرى» مانېۋىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. پيوڭياڭ «بۇ مەسئۇلىيەتسىز كۈچ كۆرسىتىش» نىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ «ھەربىي تەھدىتلىرى» گە قارشى تۇرۇش، ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، نۇرغۇن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم بىر ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى. جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرى بۇ مانېۋىرنىڭ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۆنھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ سېئۇلدىكى ھەربىي مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بەش كۈنلۈك «ئەركىنلىك قىرى» (Freedom Edge) مانېۋىرى 15-سېنتەبىردىن 19-سېنتەبىرگىچە جەنۇبىي كورېيەنىڭ جەنۇبىدىكى جېجۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى خەلقئارالىق سۇ تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە ھەرببىي ئىشتابى باياناتچىسى ياڭ سىيۇڭ-كۋان مۇخبىرلارغا: «‹ئەركىنلىك قىرى› مانېۋىرى جۈمە كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى شىمالىي كورېيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىش» دېدى.
بۇ، ئۆتكەن يىلى ئىيۇن ۋە نويابىر ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرلاردىن كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۈچ تەرەپلىك مانېۋىر ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە جەنۇبىي كورېيە دۆلەت رەئىسى لى جەي ميۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى مانېۋىر بولۇشتەك ئالاھىلىكى بىلەنمۇ دىققەتلەرنى تارتماقتا.
مانېۋىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلەنگەن مەشىقلەر بىلەن بىرلىكتە ھاۋا مۇداپىئە مانېۋىرى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش مەشىقى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ھەرىكەتلىرى مەشىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ئەركىنلىك قىرى» مانېۋىرى، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دۈشەنبە كۈنى باشلىنىپ جۈمە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان «تۆمۈر گۈرزە» (Iron Mace) قوماندانلىق ئىشتابى مانېۋىرى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ مانېۋىر ۋاشىنگتوننىڭ يادرو قوراللىرى بىلەن سېئۇلنىڭ ئادەتتىكى قوراللىرىنى شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى بىرلەشتۈرۈشكە مەركەزلىشىدۇ.
شىمالىي كورېيە ئۈچ ئىتتىپاقداش ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە مانېۋىرغا نارازىلىق بىلدۈردى.
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە سىڭلىسى كىم يو-جوڭ يەكشەنبە كۈنى مانېۋىرنى ئەيىبلەپ، «بۇ مەسئۇلىيەتسىز كۈچ كۆرسىتىش» نىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.
شىمالىي كورېيە يادرو قورالغا ئىگە بولۇش سالاھىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي كورېيە دۈشەنبە كۈنى دۆلەتنىڭ يادرو قورالغا ئىگىدارلىق قىلىش سالاھىيىتىنىڭ «قانۇن تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى» ۋە «قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى» ئېلان قىلدى. پيوڭياڭ بۇ باياناتنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) نىڭ يېقىنقى يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلىرىدىن كېيىن ئېلان قىلدى.
شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت داتۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى كورېيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى (KCNA) غا بەرگەن باياناتىدا: «يېقىندا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىدا ئامېرىكا يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىمىزنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىپ ۋە يادرو قورالسىزلىنىش توغرىسىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ئېغىر سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى» دېدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە: «كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يادرو قورال ئىگىسى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن سالاھىيىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئاساسىي قانۇنىدا مەڭگۈلۈك بېكىتىلدى ۋە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
شىمالىي كورېيە ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشىنى «قانۇنسىز» دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى، ئەمما خەلقئارالىق يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى «رادىكال» يادرو قوراللىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقاننىڭ دەل ئامېرىكا ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىمالىي كورېيە ئۆتكەن ئايدا ۋاشىنگتون بىلەن دىيالوگنى قايتا باشلىيالايدىغانلىقىنى، ئەمما پەقەت مەڭگۈلۈك يادرو كۈچى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغاندىلا بۇنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

سېئۇل ئامېرىكا بىلەن چەكسىز پېرېۋوت كېلىشىمى ئىزدىنىشىدە تۇرماقتا
جەنۇبىي كورېيە ھازىر داۋاملىشىۋاتقان سودا سۆھبەتلىرىدە چەكلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىغا «چەكسىز» پۇل پېرېۋوت كېلىشىمى تەكلىپىنى بەردى. بۇ قەدەم ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنغان تاموژنا بېجى كېلىشىمىدىن كېيىن دۆلەتنىڭ پۇلىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.
كېلىشىم دائىرىسىدە، جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكىغا 350 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسا، ۋاشىنگتونمۇ جەنۇبىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلگەن تاموژنا بېجىنى %25 تىن %15 كە چۈشۈرۈشكە قوشۇلدى.
جەنۇبىي كورېيە زور مىقداردىكى دوللارنىڭ چىقىپ كېتىشىنىڭ ۋون-دوللار پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ دائىرىدە، جەنۇبىي كورېيە سودا مىنىستىرى يېئو خان-كو سودا كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.
ئىككى دۆلەت ئىلگىرى پەقەت 2008-يىلدىكى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە 2020-يىلدىكى كوۋىد 19 يۇقۇمى مەزگىلىدە پېرېۋوت كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.