غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس: ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىكىدىكى يېڭى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارمىز
پاسخلىق پاسخلىق گۇرۇھى "دەرھال كۆرۈشۈش ۋە كېلىشىم ئېلىپ بارىشقا" تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ھاماس: ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىكىدىكى يېڭى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارمىز
/ Reuters

ھاماس مۇرەسسەچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئامېرىكادىن يېڭى بىر ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە مۇزاكىرىلەرنى قايتىدىن باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«ئامېرىكا تەرەپتىن مۇرەسسەچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن بەزى تەكلىپلەرنى تاپشۇرۇۋالدۇق.»

ھاماسنىڭ باياناتىدا، تەشكىلاتنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىقنى توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغان ھەرقانداق تەشەببۇسنى قارشى ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىشى بەدىلىگە، بارلىق ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دەرھال مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا تەييارمىز.»

 ھاماس يەنە، پەلەستىننىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مۇستەقىل بىر كومىتېت قۇرۇشقا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ ھاسىل قىلىنغۇسى كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ، «ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ رەت قىلىنىشى ياكى بۇزۇلۇشىدىن ساقلىنىش» مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 نېتانياھۇ ترامپنىڭ تەكلىپى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىشىۋاتىدۇ

ھاماس 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن مىسىر ۋە قاتار مۇرەسسەچىلىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، لېكىن «(ئىسرائىلىيە) ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى، ئەكسىچە قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي تازىلاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھاماس ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپلىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدىغان كەڭ كۆلەملىك كېلىشىمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇرەسسەچىلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ سۇنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ تولۇق تەستىقىنى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى بولسا، نېتانياھۇنىڭ ترامپنىڭ تەكلىپى ھەققىدە يەنىلا «ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىۋاتقانلىقىنى» جاكارلىدى.

ھازىرغىچە ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن كەڭ كۆلەملىك كېلىشىم تۈزۈشكە، بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى پەلەستىنلىك ئەسىرلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا، غەززەگە قارىتىلغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلىدى.

لېكىن نېتانياھۇ ھەر بىر باسقۇچتا يېڭى شەرتلەرنى تېڭىپ ۋە سۆھبەتلەرنى كېچىكتۈرىدىغان قىسمەن ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا چىڭ تۇرۇپ ، ئىلگىرىكى تەكلىپلەرنى رەت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says Israel accepted Gaza ceasefire deal, calls on Hamas not to reject

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ