تۈركىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
تېررورلۇققا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە زەربە بېرىلدى. پ ك ك تارقىلىپ، قورال تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئۆمەر چەلىك «تېررورسىز تۈركىيە كۈرىشى» نىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى باھچەلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سىياسىي كېلىشىش ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ دۆلەت ئىچكى فىرونتىنى كۈچەيتىش بىلەن ھالقىلىق باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېررورلۇققا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە زەربە بېرىلدى.  پ ك ك تارقىلىپ، قورال تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئون نەچچە يىللىق قان تۆكۈلۈشتىن كېيىن، ئۆزىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ۋە قورال تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
2025-يىلى5-ئاينىڭ12-كۈنى

تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى، بۇ يېڭى جەريان سىياسىي ئورتاق كېلىشىش ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈچەيگەن كەيپىياتتا داۋاملاشماقتا.

ئادالەت ۋە تەررەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك دۈشەنبە كۈنى X ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «يۇقىرى سىياسىي ئىرادىسى ۋە سىغدۇرۇشچان» ئوچۇق پوزىتسىيەسىنىڭ دۆلەت سىياسىتىنىڭ بۇ يېڭى دەۋرنى شەكىللەندۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆمەر چەلىك مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دېەۋلەت باھچەلىنىڭ تارىخىي چاقىرىقىنىڭ، يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا قەتئىي مەيدانى ۋە يېتەكچىلىك رولىنىڭ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە بۇ جەرياننى «ئىچكى سەپ» نى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتكەن بىر قەدەم دەپ تەسۋىرلىدى.

ئادالەت ۋە تەررەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى يېقىنقى مەزگىلدىكى پارتىيە ئىچى ئۈنۈملۈك ۋە ئەھمىيەتلىك سۆھبەتنىڭ دېموكراتىك سىياسەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، كونكرېت تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ جەرياننىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ «قانۇنلۇق ئادرېسى» سۈپىتىدە سىياسەتنىڭ فونكىسىيەسىنى قايتىدىن بەلگىلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Jailed PKK ringleader Ocalan calls for terror group’s dissolution

«تېررورسىز تۈركىيە»

چەلىك ئىمرالى ئارىلى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى بايانات ئۈستىدە توختىتلىپ،  «پ ك ك نىڭ قورال تاشلاش ۋە ئۆزىنى تارقىتىۋېتىش قارارى «تېرورسىز تۈركىيە» نىشانىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. بۇ قارار تولۇق ئىجرا قىلىنسا، دۆلەت پۈتۈنلەي يېڭى بىر دەۋرگە ئىشىك ئاچالايدۇ» دېدى.  

ئۆمەر چەلىك ئەمما بۇ قارارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىن ئەمەلىي يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. پ ك ك ۋە ئۇنىڭ قانۇنسىز قۇرۇلمىلىرىنىڭ بارلىق تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە، كونكرېت ۋە تولۇق يولغا قويۇشنىڭ   موھىم پەيت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر چەلىك بۇ جەرياننىڭ دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ساھەدە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىلىدىغانلىقىنى، ئىلگىرىلەشلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قەرەللىك دوكلات قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئەتراپلىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆمەر چەلىك قارارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەڭ ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ، توغرا يولغا قويۇلغاندا، تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋاكالەتچى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن جاھانگىرلارنىڭ ئىستراتېگىيىسىن توسۇپ قىلىشقا ئالدىياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye, Iraq unite on outlawing PKK amid joint security talks

ئىتتىپاقلىق ۋە ئۇلۇس كىملىكى

ئۆمەر چەلىك «تېرورسىز تۈركىيە» تەسەۋۋۇرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىخەتەرلىك سىياسىتىدە يېڭى بەت ئېچىپلا قالماستىن، بەلكى سىياسىي تۈزۈم چوڭقۇر خىرىسقا دۇچ كەلگەن پەيتتە، دۆلەتنىڭ دېموكراتىك يوللىرىنىمۇ جانلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسى، سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە مىللىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆمەر چەلىك: «سىياسىي دىئالوگ قاناللىرىنىڭ بارلىق قانۇنلۇق ئادرېسلاردا ، بولۇپمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دا ئەڭ كۈچلۈك ئۇسۇلدا ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئۆگزىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە دېموكراتىيەمىزنىڭ ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە سىياسىي يىلتىز تارتىدۇ» دېدى.

چەلىك ئورتاق تارىخ، ئورتاق تەقدىر ۋە پۇقرالىق ئېڭى بىلەن كەلگۈسىنىڭ كۈچلۈك ۋە قانۇنلۇق ئاساسلاردا شەكىللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى  ئەسكەرتىپ: «ھەر بىر ئىجابىي باسقۇچ يېڭى بىر ئىجابىي باسقۇچنىڭ تەكلىپنامىسى بولىدۇ» دېدى.

چەلىك «تېرورسىز تۈركىيە» نىشانىنىڭ چوقۇم بارلىق جەھەتلەردە ئەمەلگە ئېشىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى ۋە بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ مەنىسىنى «بارلىق پۇقرالىرىمىزنىڭ بارلىق مەدەنىيەت، مىللىي ۋە مەزھەپ ئامىللىرى بىلەن غەلىبە قىلىشى» دەپ تەسۋىرلىدى.

چەلىك سۆزىنى ئىتتىپاقلىق ۋە ئۇلۇس كىملىكى ​​ئۇچۇرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ  يەنە مۇنداق دېدى: «گەرچە ئىسمىمىز ئوخشىمىسىمۇ، بىزنىڭ ئورتاق فامىلىمىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدۇر»

چەلىك تۈرك دۆلىتىنىڭ نېگىزلىك پرىنسىپلىرى ياكى خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقا ئورۇن يوقلىقىنىمۇ تەكىتلەپ: «بۇ قىممەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق قەدەم يوق ۋە بولمايدۇ» دېدى.

چەلىك «تېرورسىز تۈركىيە» تەسەۋۋۇرىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «تۈركىيە ئەسرى» تەسەۋۋۇرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى دەپ تەسۋىرلەپ: «مىللىتىمىز خاتىرجەم بولسۇن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆز كۈن تەرتىپىگە ھاكىمدۇر» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارAybuke: The legacy of a young teacher that PKK terror couldn't cut short

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆزىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان زور بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ قاراۋاتقان پ ك ك ئۆزىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ۋە قوراللىرىنى تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پ ك ك 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان  ئونمىڭلىغان كىچىك بالا، ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆلتۈرىلىشىگە جاۋابكار دەپ بىلىنىدۇ.

5-مايدىن 7-مايغىچە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايدىن كېيىن، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قان تۆكۈپ ۋە زوراۋانلىق قىلىۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئۆزىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ۋە قورال تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان پ ك ك ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق گۇرۇپپىلارنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قاراپ كەلمەكتە ئىدى.

ئەنقەرە دائىرىلىرى تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە ياكى ئەتراپىدا ھېچقانداق تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئورۇن يوقلىقىنى ۋە بىردىنبىر قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان نەتىجىنىڭ شەرتسىز قورال تاشلاش ۋە تارقىلىپ كېتىش ئارقىلىق تېرورلۇق ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي توىتىتىش ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىدى.

بۇ ئىلگىرىلەشنى تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا، تۈركىيە يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا. چۈنكى مەسئۇللار ھەقىقىي سىناقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىكەنلىكىنى، قوراللىق پائالىيەتلەرنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تېرورلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىسپاتلىق شەكىلدە پاچاقلاپ تاشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارWhy regional cooperation is imperative to defeat the terror of  YPG/PKK

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكالىق ئوبزورچى سى ئاي ئى (CIA) نىڭ  ئۆزىگە قارشى جاسۇسلۇق دېلوسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ئۇكرائىنا رۇسىيە نېفىت ئامبىرىغا چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى
قازاقىستان يېڭى ئاساسىي قانۇننى تەستىقلىدى
ھىندىستاننىڭ شەرقىدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 10 بىمار قازا قىلدى
ئىسرائىلىيە: ئىرانغا قارشى ئۇرۇش كۈتۈلگەن سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەيۋاتىدۇ
ئاراقچى: ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندىكى يېقىلغۇ ئامبارلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»
ترامپ: ناتو بوغۇزنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەم قىلمىسا، ناچار ئاقىۋەتكە قالىدۇ
ئىسرائىلىيە لىۋانغا قىلىنغۇسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن 450 مىڭ زاپاس ئەسكەرنى ۋەزىپىگە چاقىرىدۇ
ئەردوغان ئىران ۋە لىۋاندىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى نىشانلىغان «قانخور تور» نى ئەيىبلىدى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئامېرىكانىڭ ئۈچ بازىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئالتە كىشى ئۆلدى، ئونلىغان كىشى يارىلاندى
خاقان فىدان ئىراننىڭ «پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھاماس ئىراننى قوشنا دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىققا چاقىردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە كىشى قازا قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى