ئەنقەرەدە ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

پايتەخت ئەنقەرەدە باكۇ تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيىنىڭ 100  - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسى ۋە ئالاقە بىرلىكىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان مۇھىم بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

By
ئەنقەرەدە ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى / TRT Global

28-يانۋار كۈنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىنالى يىلدىرىم قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى نوپۇزلۇق ئاكادېمىكلار قاتناشقان «ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى – پۇرسەتلەر، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپلەر» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆتمۈشتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە سوزۇلغان ئورتاق تارىخى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تارقالغان جۇغراپىيەلىك رايونلىرى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا قوبۇل قىلىنغان ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، خوجا ئەھمەد يەسەۋى خەلقئارا تۈرك-قازاق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى پىروفېسسور دوكتور مۇھىتتىن شىمشەك رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى. مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئاكادېمىكلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىمۇ قاتناشتى.

بىنالى يىلدىرىم ئېچىلىش نۇتىقىدا، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى قوبۇل قىلىنغۇچە بولغان ئىككى يىللىق مۇساپىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا مەزكۇر مۇساپىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ باسقۇچتا 34 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، بۇ نەتىجىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالاقىسىگە كەلگۈسىدە زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى؛ ئەڭ مۇھىمى، تۈرك دۇنياسىنى پەقەت مەدەنىيەت جەھەتتىنلا ئەمەس، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ بىرلەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىروفېسسور دوكتور نازىم ھېكمەت پولات رىياسەتچىلىك قىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، پىروفېسسور دوكتور بىلگەخان ئاتسىز گۆكداغ ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى مۇساپىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن يېڭى بىر باسقۇچ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. گۆكداغ بۇ مەسىلىدىكى تۇنجى سىستېمىلىق خىزمەتلەرنىڭ 1926-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك باكۇ تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيى بىلەن باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋە ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى تۈرىنى قوللىغان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تىلشۇناسلىرىنىڭ 1937-1938-يىللىرى ستالىن تەرىپىدىن قەتل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈرك تىلى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئوسمان مەرت بولسا نۇتىقىدا، ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى قوبۇل قىلىنغۇچە بولغان ئاكادېمىك مۇساپىنى ۋە بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ يېزىق تىلى تارىخى  توغرىلىقمۇ قىسقىچە توختىلىپ، كىرىل ئېلىپبەسىگە سېلىشتۇرغاندا لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» تۈركىيە مىللىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئۆجال ئوغۇز، UNESCO ۋە تۈرك تىلى ئائىلىسى كۈنىنى ئېلان قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. پىروفېسسور دوكتور نۇرەتتىن دەمىر بولسا «تۈگىمەس ھېكايە: ئېلىپبە مۇنازىرىلىرى» نامى ئاستىدا پىروفېسسور دوكتور ئەمىنە يىلماز بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان دوكلات ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

«ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى – پۇرسەتلەر، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپلەر» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، تۈرك مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاقساقىلى بىنالى يىلدىرىم يېپىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. بىنالى يىلدىرىم يېپىلىش نۇتىقىنى مۇنداق تاماملىدى:

«ھەقىقەتەن ناھايىتى زور مەنپەئەتكە ئېرىشتۇق، شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى: بىز پەقەت سۇغا كىردۇق، ئەمما كەلگەن نۇقتىمىز تېخى ئوشۇقىمىزدىلا. ماڭىدىغان يولىمىز ئۇزۇن، قىلىدىغان ئىشىمىز ناھايىتى كۆپ. شۇڭا قەدىمىمىزنى بىرئاز تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئاكادېمىك ساھەدىكىلەر سىلەرنىڭ بۇ يەردە ناھايىتى زور رولۇڭلار ۋە مەسئۇلىيىتىڭلار بار. بۇ ئېلىپبەنى 300 مىليونلۇق غايەت زور بىر جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش، ئۇلارنى قايىل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن تەپسىلىي خىزمەتلەرگە ئېھتىياج بار. تەپسىلىي خىزمەتلەرنى پەقەت سىلەرلا قىلمايسىلەر، لېكىن سىلەر  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىسىلەر. بۇنى سىياسەت دۇنياسى قوللايدۇ، ھەرقايسى ئورگانلار قوللايدۇ؛ بىز بۇ مەسىلىدىكى تونۇشنى بالقان رايونىدىن تارتىپ بايقال كۆلىگىچە سوزۇلغان پايانسىز جۇغراپىيەدە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم. بۇ ھەرگىزمۇ جاھانگىرلىك خىيالى ئەمەس، بەلكى ئورتاق ئۆتمۈشىمىزنى كەلگۈسىگە يەتكۈزۈش تۈرىدۇر. بىز فىرانسۇزلارغا ئوخشىمايمىز. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئۇدا 600 يىل تۇنىستا، ئالجىرىيەدە ھۆكۈم سۈردى، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنكى 50 يىلدا ئۇ يەرنى بېسىۋالغانلار فىرانسۇز تىلىنى رەسمىي تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇردى. بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە، تۈركىيە خەلقى سۈپىتىدە، مۇستەملىكىچى بىر ئۆتمۈشكە ئىگە ئەمەسمىز؛ نومۇس قىلىدىغان ھېچقانداق ئۆتمۈشىمىز يوق. بىزنىڭ بىردىنبىر نىشانىمىز بۇ پايانسىز جۇغراپىيەدە بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرلىشىشنى، ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر گەۋدىلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىققا ئەھمىيەتلىك تۆھپە قوشۇشتۇر. مەقسىتىمىز ئەنە شۇ. يەنە بىر قېتىم بارلىق ئۇستازلىرىمىزغا، بۇ يەردە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلغان بارلىق مۇتەخەسسىسلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمەن. خوجا ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، قەدىرلىك ئۇستازىم مۇھىتتىن شىمشەككە ۋە سەپداشلىرىغا مۇشۇنداق مۇھىم بىر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.»