ترامپ: ئەگەر پۇتىن بىلەن زېلېنسكىي ئۇچراشمىسا، «ھېچ ئىش قىلماسلىقىم» مۇمكىن

ترامپ بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، رۇسىيە پۇتىن-زېلېنسكىي ئۇچرىشىشىنىڭ دەرھال ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ پۇتىن بىلەن زېلېنسكىي ئۇچرىشىشىنى، ياغ بىلەن ئاچچىقسۇغا ئوخشاتتى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇكرائىنا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا «مۇھىم» بىر قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ قارارنىڭ موسكۋاغا قارشى ئېغىر جازا يۈرگۈزۈش ياكى ئۆزىنىڭ ھېچ ئىش قىلماسلىقى مۇمكىنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ جۈمە كۈنى ئوۋال ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارغا، پەيشەنبە كۈنى (21-ئاۋغۇست) رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئامېرىكاغا تەۋە بىر زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن «خۇشال ئەمەسلىكىنى» ئەسكەرتىپ: «بۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىشتىن خۇشال ئەمەسمەن» دېدى.

ئەمما ئۇ ئالدى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇچرىشىدىغان-ئۇچراشمايدىغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىككى ھەپتىلىك ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا نېمە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە مەن بىلىمەن. مەن رۇسىيەنىڭ، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇكرائىنانىڭمۇ پوزىتسىيەسىنى بىلىمەن. بۇ ئىشقا ئىككى تەرەپ كېرەك».

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئاندىن مەن نېمە قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىمەن، بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر قارار بولىدۇ. بۇ ئېغىر جازا ياكى ئېغىر تاموژنا بېجى ۋە ياكى ھەر ئىككىسى بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا بىز ھېچ ئىش قىلماي، بۇ سىلەرنىڭ ئۇرۇشۇڭلار دەيمىز» دېدى.

ترامپ جۈمە كۈنى (22-ئاۋغۇست) زېلېنسكىي-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ «ماي بىلەن ئاچچىقسۇنى» ئارىلاشتۇرغاندەك قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بىز پۇتىن بىلەن زېلېنسكىينىڭ ھەمكارلىشىپ-ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىلگىنىڭلاردەك، بۇ بىر ئاز ماي بىلەن ئاچچىقسۇغا ئوخشاش. ئۇلار ئانچە ياخشى چىقىشالمايدۇ، بۇنىڭ  بەزى سەۋەبلىرى بار » دېدى.

ئۇ پۇتىن-زېلېنسكىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ-قاتناشمايدىغانلىقى سوئالىغا: «قاراپ باقىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.