ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
كۆيۈك جەسەتلەر، ۋارقىراۋاتقان بالىلار: ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە 50 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقىلىۋاتقان ۋىدېئولاردا، كۆيگەن جەسەتلەر ۋە ئوت ئاپىتى ۋەيرانچىلىقى مۇھىتىدا كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، ئونلىغان پەلەستىنلىكنىڭ ۋارقىراشلىرى كۆرگۈچىلەرنى قاتتىق لەرزىگە سالدى.
كۆيۈك جەسەتلەر، ۋارقىراۋاتقان بالىلار: ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە 50 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
كۆيۈك جەسەتلەر، ۋارقىراۋاتقان بالىلار: ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە 50 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى / AA

غەززە شەھىرى ۋە غەززەنىڭ شىمالىدىكى جەبالىيەدە ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەر پاناھلىنىۋاتقان بىر مەكتەپ ۋە بىر ئۆيگە قارىتىلغان ئىككى قېتىملىق ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا، كەم دېگەندە 52 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

دۈشەنبە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئالاقە قىلغان بىر تېببىي مەنبە، غەززە شەھىرىنىڭ ئەل-داراج مەھەللىسىدە ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە پاناھلىنىش ئورنى بولغان فاھمى ئەل-جىرجاۋى مەكتىپىگە قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 33 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەل-ئاقسا تېلېۋىزىيەسى ۋە باشقا يەرلىك مەنبەلەر، بومباردىماندىن كېيىن چېدىرلارغا ئوت كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

توردا تارقىلىۋاتقان شاھىتلارنىڭ ۋىدېئولىرىدا، كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۈپ، ئوتتا كۆيگەن جەسەتلەر ۋە ئەتراپىنى ئورىۋالغان يالقۇن ئىچىدە ۋارقىراۋاتقان كىشىلەر كۆرۈلدى.

رايوندىن كەلگەن يەنە بىر خەۋەردە، «كۆيگەن جەسەتلەر ۋە يالقۇن ئىچىدە قېلىپ، ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرى ۋەقە مەيدانىدىن ئاڭلاندى ۋە كۆرۈلدى» دېگەن ئىبارە ئىشلىتىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا، غەززەنىڭ شىمالىدىكى جەبالىيە بازىرىدا بىر ئۆيگە قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا يەنە 19 كىشى ئۆلتۈرۈدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

شاھىتلار ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئونلىغان پاناھلانغۇچى ياشاۋاتقان كۆپ قەۋەتلىك بىر بىنانى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، خەلقئارانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىكقىرغىنچىلىقىدا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، جەمئىي 53 مىڭ 900 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقار ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە رايونلۇق ئۇرۇش سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز