خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭدا 4 كۈنلۈك ھالقىلىق يىغىنىنى باشلىدى
دۆلەتنىڭ كېيىنكى 5 يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ تۆت كۈنلۈك يىغىنىدا، ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئىچىدىكى يېڭى تەيىنلەشلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭدا 4 كۈنلۈك ھالقىلىق يىغىنىنى باشلىدى
https://www.trtworld.com/article/4613d5c6de10 / AP

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھاكىمىيەت بېشىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا تۆتىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى باشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) نىڭ باش سېكرېتارى بولغان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، سىياسىي بيۇروغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى سۇندى ھەمدە پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈزۈلگەن 15-بەش يىللىق پىلانى (2026-2030) غا ئائىت لايىھە تەكلىپلىرىنى ئېلان قىلدى.

پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان تۆت كۈنلۈك يىغىندا، ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئىچىدىكى يېڭى تەيىنلەشلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى پارتىيەنىڭ 205 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە 167 نەپەر كاندىدات ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان خ ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت خ ك پ نىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، پارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە باشقا مۇھىم تەيىنلەشلەرنى بېكىتىشكە مەسئۇل.

شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاينىڭ 2025-يىلىنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە %4.8 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاي بۇ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئېشىش نىشانىنى «تەخمىنەن %5» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Explainer: Why did China give up the title of ‘developing country’?

ئىزدىنىڭ
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى