خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فىلوتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىسپانىيەمۇ ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ
ئىتالىيەنىڭ «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» غا ئېھتىياج تۇغۇلغاندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ئۈچۈن بىر ھەربىي ۋە بىر نورمال پاراخوت ئەۋەتىشىدىن كېيىن، ئىسپانىيەمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە قەدەم تاشلىدى.
غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فىلوتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىسپانىيەمۇ ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ
سانچېز: «بارلىق كېرەكلىك ئەشيالار سەپلەنگەن بىر دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى كارتاخېنادىن يولغا چىقىدۇ» دېگەن. / AP

«ئەل پائىس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز نىيۇيوركتا قىلغان سۆزىدە، ئىسپانىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» نى قوللاش ئۈچۈن بىر دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

سانچېز چارشەنبە كۈنى: «بارلىق كېرەكلىك ئەشيالار  تولۇقلانغان بىر دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى فىلوتنى قوللاش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەتە كارتاخېنادىن يولغا چىقىدۇ» دېگەن.

مادرىد بۇ قەدەمنى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتالىيە پۇقرالىرىنى قوللاش ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ياردەم ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن «فاسان» ھەربىي پاراخوتىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رىم بىلەن ماسلاشقان ھالدا تاشلىدى.

ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىتالىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، بۇ ھەمكارلىققا ئىرېلاندىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار ياۋروپا پاراخوتلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا قارشى توقۇنۇش قوزغاش ئەمەس، بەلكى زۆرۈر تېپىلغاندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسپانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر پاراخوتى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.

قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتۈش

تەخمىنەن 50 پاراخوتتىن تەركىب تاپقان «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىسرائىلىيە قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە غەززەگە، بولۇپمۇ داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە يولغا چىققانىدى. غەززەدە 2 مىليون 400 مىڭ پەلەستىنلىك 18 يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا ياشىماقتا.

بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى ئىلگىرى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە توققۇز پاراخوتتا 12 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە فىلوتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ گۇرۇپپا ھۇجۇملارنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمىدى؛ فىلوتنىڭ غەززەگە يېتىپ بېرىشىنى توسىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىسرائىلىيەمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە قايتۇرمىدى.

بۇ پائالىيەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىشى بىلەن بىرگە خەلقئارانىڭ زور دەرىجىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى.

ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى يەكۈنىنى چىقاردى. غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا 65 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ب د ت بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشەنچلىك دەپ قارايدۇ.

خەلقئارالىق پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» ياردەم خىزمەتچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ كىشىلەر خەتەرلەرگە قارىماي ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتماقتا.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىسرائىلىيە قورشاۋى پەيدا قىلغان پاجىئەنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بۇ رايونغا جىددىي ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

 

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ