غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فىلوتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىسپانىيەمۇ ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ
ئىتالىيەنىڭ «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» غا ئېھتىياج تۇغۇلغاندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ئۈچۈن بىر ھەربىي ۋە بىر نورمال پاراخوت ئەۋەتىشىدىن كېيىن، ئىسپانىيەمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە قەدەم تاشلىدى.
«ئەل پائىس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز نىيۇيوركتا قىلغان سۆزىدە، ئىسپانىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» نى قوللاش ئۈچۈن بىر دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سانچېز چارشەنبە كۈنى: «بارلىق كېرەكلىك ئەشيالار تولۇقلانغان بىر دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى فىلوتنى قوللاش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەتە كارتاخېنادىن يولغا چىقىدۇ» دېگەن.
مادرىد بۇ قەدەمنى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتالىيە پۇقرالىرىنى قوللاش ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ياردەم ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن «فاسان» ھەربىي پاراخوتىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رىم بىلەن ماسلاشقان ھالدا تاشلىدى.
ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىتالىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، بۇ ھەمكارلىققا ئىرېلاندىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئالاقىدار ئەمەلدارلار ياۋروپا پاراخوتلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا قارشى توقۇنۇش قوزغاش ئەمەس، بەلكى زۆرۈر تېپىلغاندا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىسپانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر پاراخوتى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.
قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتۈش
تەخمىنەن 50 پاراخوتتىن تەركىب تاپقان «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىسرائىلىيە قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە غەززەگە، بولۇپمۇ داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە يولغا چىققانىدى. غەززەدە 2 مىليون 400 مىڭ پەلەستىنلىك 18 يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا ياشىماقتا.
بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرى ئىلگىرى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە توققۇز پاراخوتتا 12 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە فىلوتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
بۇ گۇرۇپپا ھۇجۇملارنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمىدى؛ فىلوتنىڭ غەززەگە يېتىپ بېرىشىنى توسىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىسرائىلىيەمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە قايتۇرمىدى.
بۇ پائالىيەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىشى بىلەن بىرگە خەلقئارانىڭ زور دەرىجىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى.
ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى يەكۈنىنى چىقاردى. غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا 65 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ب د ت بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشەنچلىك دەپ قارايدۇ.
خەلقئارالىق پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» ياردەم خىزمەتچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ كىشىلەر خەتەرلەرگە قارىماي ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قەتئىي بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتماقتا.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىسرائىلىيە قورشاۋى پەيدا قىلغان پاجىئەنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بۇ رايونغا جىددىي ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.