خىتايدىكى ئاپتوموبىل ساتقۇچىلار زاپاس ئاپتوموبىللار سەۋەبىدىن تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە
خىتاي ئاپتوموبىل ساتقۇچىلىرى باھا ئۇرۇشى ۋە زور مىقداردىكى زاپاس ماللارنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى [ماشىنا ئەۋەتىشكە) چەكلىمە قويۇشقا چاقىردى.
خىتاي ئاپتوموبىل ساتقۇچىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ئارتۇقچە ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ، زاپاس ئاپتوموبىل سانىنى كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى. كۈچلۈك باھا ئۇرۇشىنىڭ ساتقۇچىلارنىڭ نەق پۇل ئوبوروتىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پايدىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى ۋە بەزىلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ تەكلىپ، ھەپتە ئاخىرىدا ئاپتوموبىل سانائىتىگە زىيان يەتكۈزگەن باھا ئۇرۇشىنى توختىتىش چاقىرىقىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خىتاي ئاپتوموبىل ساتقۇچىلار سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككىنچى چارەكتىن بۇيان باشلانغان يېڭى كەڭ كۆلەملىك ئېتىبار بېرىش دولقۇنى بىلەن ئاپتوموبىل ساتقۇچىلار دۇچ كەلگەن ئەھۋال «تېخىمۇ مۈشكۈللەشكەن».
سودا ئۇيۇشمىسى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش نىشانى بېكىتىشى، ساتقۇچىلارغا زاپاس مال بېسىمى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئاپتوموبىل يىغىۋېلىشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. باياناتتا يەنە، ساتقۇچىلارغا پۇل تۆلەش دەۋرىيلىكىنىڭ قىسقارتىلىشى كېرەكلىكى ۋە ساتقۇچىلارنىڭ «تور لىنىيەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش» نامىدا، مەجبۇرىي ھالدا تورىدىن چېكىندۈرۈلۈپ، دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
ئۆتكەن ھەپتە يەرلىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىسى BYD نىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى چوڭ بىر ساتقۇچىسى ۋەيران بولغان، ھەمدە ئۇنىڭ كەم دېگەندە 20 دۇكىنىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكى ياكى تاقالغانلىقى ئېنىقلانغان.