ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھۆكۈمىتى مىڭلارچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلدى
بۇ قارار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز بىكار قىلىنىشى سەۋەبىدىن 23 ئىشتاتتا 100 دىن ئارتۇق سوتقا ئەرز سۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن چىقىرىلدى.
ترامپ ھۆكۈمىتى مىڭلارچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلدى
The Trump administration's aggressive policy on revoking student visas, often without notice, and pushing for deportation has raised concerns about free speech rights as well as discouraging foreign students from seeking education in the US. / AP

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان، كىچىك تىپتىكى قانۇنسىز ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالغان ياكى سوت تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان  مىڭلارچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ ۋىزىسىنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلدى. 

«‹Politico› گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، كەم دېگەندە 23 ئىشتاتتا 100 دىن ئارتۇق سوتقا ئەرز سۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، مىڭلارچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 50 تىن ئارتۇق ئەرزنامەدە، سوتچىلار «ۋىزىلار خالىغانچە ۋە قانۇنسىز ھالدا بىكار قىلغان» دەپ قاراپ، ۋىزىلارنى بىكار قىلىش باسقۇچلىرىغا خاتىمە بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان.

«‹Inside Higher Ed› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 24-ئاپرېلغىچە 280 دىن ئارتۇق ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى بىلەن 1800 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى ۋە يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن. يەنى ئۇلارنىڭ ۋىزىسى قايتا كۈچكە ئىگە قىلىنغان. 

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ۋىزىسى بىكار قىلىنغان ئوخشاش ئەھۋالدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنىمۇ قايتا كۈچكە ئىگە قىلىش - قىلماسلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. 

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىلىرىنى كۆپ ھاللاردا خەۋەر بەرمەستىنلا بىكار قىلىشى ۋە بەزى ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىشى بۇ دۆلەتتە سۆز ئەركىنلىكىگە قارىتا ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى، بۇ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكادا ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. 

 پەلەستىنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار

 ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ مەكتەپ قورۇلىرىدىكى پەلەستىننى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ۋە باشقا مەسىلىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇ بېسىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېتىراپ قىلغىنىدەك، كولۇمبىيىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەھمۇد خەلىلنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بولماستىنلا تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن باشلاندى. 

ترامپ مەھمۇد خەلىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىپ، بۇنىڭ «تۇتقۇن قىلىنغۇسى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەلىل تۇتقۇن قىلىنىپ بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولغان يەنە بىر پەلەستىن تەرەپدارى ئوقۇغۇچى بەدەر خان سۇرى تۇتقۇن قىلىندى. سۇرىنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ ئايالى پەلەستىنلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

سۇرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، دائىرىلەر يەنە بىر پەلەستىن تەرەپدارى ئوقۇغۇچى مومودو تالدىن تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. 

25-مارت كۈنى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۇنسېئو چۇڭ، ئالدىنقى يىلى باھاردا پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن  چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەكچى بولغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغالىقىنى ئۇقتۇردى. 

يەنە 25-مارت كۈنى، تۇفتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى رۇمەيسا ئۆزتۈرك، غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۈندۈزى تۇتۇپ كېتىلدى. 

ئالدىنقى ھەپتە، پەلەستىن تەرەپدارى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى موھسىن مەھدۋاي، ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈش سۆھبىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىندى. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يا قولغا ئېلىندى ياكى ئۆز ئىرادىسى بىلەن بۇ دۆلەتنى تەرك ئەتتى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى