تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىستىخباراتى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىماقتا
بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوھادىكى تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكى پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننى توقۇنۇشنى توختىتىشقا ۋە چېگرا مەسىلىسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا يىغىن ئېچىشقا يۈزلەندۈرگەن.
تۈركىيە ئىستىخباراتى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىماقتا
تۈركىيە ئىستىخباراتى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىماقتا / AA

تۈركىيە بىخەتەرلىك مەنبەلىرى يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ھەر ئىككى تەرەپ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىشقا قوشۇلغان سۆھبەت جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەنبەلەر تۈركىيە ۋە قاتارنىڭ قوللىشى بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىننىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنىڭ دوھادا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە پاكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىمۇ قاتناشتى.

سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى «ھازىرقى ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتىش ۋە يېقىنقى چېگرا توقۇنۇشلىرىنى ھەل قىلىش» دەپ بېكىتىلدى.

كېچىگىچە داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەر جەريانىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا رەھبەرلىرىگە تەرەققىياتلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan, Afghanistan agree to immediate ceasefire in Doha talks

ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تەپسىلاتى ئىستانبۇلدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

ئۇرۇش توختىتىشنىڭ سىجىل ۋە دەلىللىگىلى بولىدىغان شەكىلدە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگۈسى كۈنلەردە ئىز قوغلاش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

14 سائەت داۋاملاشقان مۇزاكىرىدىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تەپسىلاتىنى تەكشۈرىدىغان تېخنىكىلىق كومىتېتنىڭ تۇنجى يىغىنىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

يىغىندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تېرورلۇق، كۆچمەنلەر ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

11-ئۆكتەبىردە تۈركىيە، پاكىستان ۋە قاتارنىڭ ئىستىخبارات باشلىقلىرى ئىستانبۇلدا ئۈچ تەرەپلىك يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىغىن جەريانىدا ئافغانىستان بىلەن تەڭلا ئالاقە ئورنىتىلغان.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى