تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بېلگىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، پايتەخت بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى.
ناتو باياناتچىسى ئاللىسون خارت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ناتو باش كاتىپى رۇتتې ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان قارادېڭىزدىكى ۋەزىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۆۋەتتىكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.»






















