خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئانتونى بلىنكېن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي مۇساپىنى رەت قىلىشى ۋە 2011-يىلدىن بۇيان ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا تايىنىشنىڭ ۋەيران بولۇشىغا يول ئاچقانلىقىنى ئېيتتى.
ئانتونى بلىنكېن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى
لائوس ASEAN Blinken / AA

ئانتونى بلىنكېن 14 يىللىق توقۇنۇشتىن كېيىن، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۈمىد قىلىدىغان سەۋەبلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەلىكلەر ئېلىپ بارىدىغان تىنچ ئۆتكۈنچى مۇساپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بلىنكېن: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2011-يىلدىن بۇيانقى ئىشەنچلىك سىياسىي مۇساپىنى رەت قىلىشى ۋە رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ قوللىشىغا تايىنىشى، ئۇنىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى» دېدى.

سۇرىيە خەلقىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە دۆلەت ئورگانلىرىنى قوغداش، ئاساسىي مۇلازىمەت ئورنىتىش ۋە نازۇك جەمئىيەت دىنامىكلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئانتونى بلىنكېن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، پۇقرالارنى شۇنداقلا خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنى قوغداش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

سۈرىيەدە 27-نويابىردا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن ئىدى.

پايتەخت دەمەشىققە 7-دېكابىردا كىرىشكە باشلىغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى خەلق ئاممىسىنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ھاكىمىيەت دەمەشىق ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، يىقىلغان ئىدى.

تۈنۈگۈن (2024-يلى 8-دېكابىر) بائاس پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان ۋە ھاكىمىيەت رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەخت دەمەشىقتىن قاچقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ