دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئۇرۇشنىڭ بەدەلىنى غەززەدىكى بالىلار تۆلەۋاتىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس ئۇرۇشنىڭ بەدىلىنى غەززەدىكى بالىلارنىڭ جانلىرى بىلەن تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئۇرۇشنىڭ بەدەلىنى غەززەدىكى بالىلار تۆلەۋاتىدۇ / TRT Global

گېبرېيۇس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ۋە قامىلى ئاستىدىكى غەززەدىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

گېبرېيۇس باياناتىدا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى دېكابىردا تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن 7 سىنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كتىۋاتقانلىقىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ بوۋاقنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھەر بىر بالىنىڭ ساغلام ۋە بىخەتەر ھايات كەچۈرۈش ھوقۇقى بار، ئەمما غەززەدىكى بالىلار ئۇرۇشنىڭ بەدىلىنى جانلىرى بىلەن تۆلەۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.