تەيۋەن تېخنىكا ماگناتى TSMC «ئەڭ ئىلغار» 2 نانومېتىرلىق ئۆزەكلەرنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى
تەيۋەن تېخنىكا ماگناتى TSMC ئەڭ يېڭى 2 نانومېتىرلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا رەسمىي كىرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.
تەيۋەن تېخنىكا ماگناتى TSMC «ئەڭ ئىلغار» 2 نانومېتىرلىق ئۆزەكلەرنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى
TSMC has invested in chip fabrication facilities in the United States, Japan and Germany to meet soaring demand for semiconductors. / Reuters
2025-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى

دۇنيادىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان ئەڭ ئىلغار ئۆزەكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تەيۋەن تېخنىكا ماگناتى TSMC، چارشەنبە كۈنى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بىر باياناتىدا، ئەڭ يېڭى 2 نانومېتىرلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا رەسمىي كىرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

TSMC ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلاردىن تارتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغىچە بولغان كەڭ ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆزەكلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھۆددىگەر ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولۇپ، خېرىدارلىرى ئارىسىدا Nvidia ۋە Apple قاتارلىق شىركەتلەرمۇ بار. شىركەت تور بېكىتىدە: «TSMC نىڭ 2 نانومېتىرلىق (N2) تېخنىكىسى پىلان بويىچە 2025-يىلىنىڭ 4-پەسىلىدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۆزەكلەر زىچلىق ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمى جەھەتتە ساھەدىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ. يېڭى تېخنىكا نانو تاختا (nanosheet) ترانزىستور قۇرۇلمىسى ئارقىلىق، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش تەيۋەننىڭ شىمالىدىكى خسىنچۇ (Hsinchu) ۋە جەنۇبىدىكى كاۋشيۇڭ (Kaohsiung) دىكى زاۋۇتلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

TSMC سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقىدىن زور پايدىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا تەتقىقات شىركىتى گارتنېر (Gartner) نىڭ مۆلچەرىچە، دۇنيا مىقياسىدا سۈنئىي ئەقىل چىقىملىرى 2025-يىلغىچە 1 تىرىليون 500 مىليارد دوللارغا، 2026-يىلى 2 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ، يەر شارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ تەخمىنەن %2 سىگە يېتىشى مۇمكىن.

تەيۋەننىڭ ئۆزەك سانائىتىدىكى بۇ ئۈستۈنلۈكى، خىتاينىڭ ئارالنى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراش دەۋاسى ۋە يوشۇرۇن ئىشغالىيەت تەھدىتى ئالدىدا، ئۇنى قوغدايدىغان بىر «كىرىمنىي (سىلىكون) قالقىنى» دەپ قارالماقتا. بۇ ئەھۋال ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغدىشى ئۈچۈن مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھۇجۇم ئېھتىماللىقى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەيۋەن سىرتىغا يۆتكەش بېسىمىنى ئاشۇردى.

يېقىندا خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەن ئەتراپىدا ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئارالنى قامال قىلىش ۋە دېڭىز نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش مەشىقلىرىنى قىلدى. تەيبېي دائىرىلىرى بۇ «ئۇرۇش ئويۇنلىرى»نى «قۇتراتقۇلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئەيىبلەپ، مانېۋىرنىڭ قامال مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

TSMC گەرچە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە گېرمانىيەدە زاۋۇت قۇرۇشقا مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنى فىرانسۇا چىھچۇڭ ۋۇ (Francois Chih-chung Wu) يېقىندا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن زىيارىتىدە، ئارالنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۆزەكلەرنى ئۆز زېمىنىدا ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان