خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ترامپنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى باياناتىنى رەت قىلدى
ئىران ترامپنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى باياناتىنى رەت قىلدى ۋە بوغۇزنىڭ ئىرانغا تەۋە ھالدا قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ترامپنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى باياناتىنى رەت قىلدى
ئىران ۋە ئومان ھۆرمۈز بوغۇزى قاتناش لىنىيەسى خەرىتىسىدە كېلىشتى / AP

ئىران ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىنى تىزگىنلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئەمما پاراخوتلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارمۇ داۋاملاشماقتا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىيە توختاپ قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ئىران ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئامېرىكا تۇپرىقى ئېلان قىلىدىغانلىقىغا دائىر باياناتلىرىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، قامال قىلغان ھالقىلىق ئېنېرگىيە يولىنىڭ «ئىرانغا تەۋە ھالدا قېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ترامپ ئوتتۇرا شەرقتە فېۋرال ئاخىرلىرىدا باشلانغان ئۇرۇشنىڭ بېشىدا تېھران تەرىپىدىن ئۆتۈشلەرگە تاقالغان بوغۇزدا پاراخوت قاتنىشى توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كەلگەن بولۇشىغا قارىماي، ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىنىڭ ئامېرىكا تىزگىنىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كازىم گارىبابادى، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھۆرمۈز بوغۇزى ئىراننىڭ ئىدى، ئىراننىڭدۇر ۋە ئىراننىڭ پېتى قالىدۇ. بۇ بوغۇز پەقەت ئىراننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئېچىلىدۇ ۋە يېپىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپ جۈمە كۈنى نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتا، ئامېرىكانىڭ ئىراننى يېڭىشىدىن كېيىن «پات يېقىندا ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئامېرىكا تۇپرىقى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. Wall Street Journal غا بايانات بەرگەن ۋە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر ئاقساراي مەسئۇلى بولسا كېيىنچە ترامپنىڭ بۇ سۆزلەرنى چاقچاق مەقسىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىرانلىق مەسئۇل مۇھەممەد باقىر زۇلقەدر، بوغۇزنىڭ قايتىدىن قاتناشقا ئېچىلىشى ئۈچۈن «ئىرانغا ۋە لىۋان، پەلەستىن، يەمەن بىلەن ئىراقتاقى ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتىلغان ئۇرۇش ۋە ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى»، ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇرۇش تۆلىمى بېرىلىشىنى شەرت قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Agreement reached with Oman on Strait of Hormuz shipping routes: Iran

ئېنېرگىيە تەمىناتىدا ئاقساشلار داۋاملاشماقتا

دىپلوماتىيەلىك تىرىشچانلىقلار توختاپ قىلىپ، بوغۇزدىكى ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىشى، رايون خاراكتېرلىك دېڭىز قاتنىشىغا قارىتا خەۋپلەرنى ئاشۇرماقتا.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك نېپىت شىركىتى ADNOC، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا پاراخوتلاردىن بىرىنىڭ ئالدىنقى كېچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئابۇ دەبى ھۆكۈمىتى كېيىنچە تېھراننى ئەيىبلەپ، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ «دېڭىز قاراقچىلىقى قىلغانلىقى» نى قەيت قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۈمە كۈنىمۇ ئىراننى ADNOC شىركىتىگە چېتىشلىق ئىككى پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. كۈچىيىۋاتقان بۇ خىل ۋەقەلەر، ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا ئاپرېل ئېيىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئىيۇن ئېيىدا قۇرۇپ چىقىلغان لايىھە رامكا تېكىستى بولسا ئىران ۋە ئوماننىڭ بوغۇزنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەرنى خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىشىنى كۆزدە تۇتاتتى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى يەر شارى نېپىت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى JD Vance، ۋاشىنگتوننىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىشىنىڭ ئىچكى بازاردىكى ئېنېرگىيە باھالىرىنى تۆۋەن تۇتۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار