خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئۇكرائىنانىڭ روسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزەلەيدىغان بىر رەھبەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ روسىيە بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىمگە ئېرىشىش پۇرسەتلىرىنى كۆپ قېتىم قولدىن بيرىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىناغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى.

ترامپ شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كېلىشىم تۈزەلەيدىغان يېڭى بىر رەھبەر تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى زېلېنسكىي نۇرغۇن قېتىم كېلىشىم تۈزەلەيتى، لېكىن نېمىشقىدۇر بۇنى ھەرگىز قىلمايۋاتىدۇ» دېدى.

ترامپ «مېنىڭچە ئۇكرائىنانىڭ يېڭى بىر پرېزىدېنتى تاللايدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ: «ئەگەر مەن پرېزىدېنت بولغان بولسام بۇ ئۇرۇش ھەرگىز چىقمايتتى. ھەرگىز باشلانمايتتى» دېدى.

زېلېنسكىينىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلانماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ترامپ: «زېلېنسكىي بۇ ئۇرۇشنى كۆپ قېتىم، نۇرغۇن قېتىم ئاخىرلاشتۇرالايتتى، لېكىن بۇنى قىلماسلىقنى تاللىماقتا» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 'Neither wanted to hang up': Putin-Trump diesel deal call draws ire of Ukraine, allies

ترامپ مەۋجۇت ۋەزىيەتنى «ئىنتايىن قىيىن» دەپ ئاتىدى. ترامپ روسىيە نېفىت زاۋۇتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى. ترامپ ئۇكرائىنانىڭ روسىيە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگەقىلغان ھۇجۇملىرىنىمۇ ئەيىبلەپ، نېفىت زاۋۇتلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنىشىنىڭ يەرشارىۋى يېقىلغۇ كەمچىللىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكالىق دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارغا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ: «ئۇلارغا نېمە خالىسڭىز شۇنى قىلىڭلار، ئەمما دىزېل يېقىلغۇسىنى نىشانغا ئالماڭلار دېدۇق. چۈنكى چوڭ بىر مەسىلە، جىددىي بىر كەمچىللىك بار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

روسىيە نېفىت زاۋۇتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ سايلامدىن بۇرۇن دىزېل باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، زېلېنسكىيگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ترامپ: «ئەمدى بۇنى قەتئىي ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» دېدى. ترامپنىڭ باياناتلىرى، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن موسكۋانىڭ ئامېرىكىغا ۋە يەرشارىۋى بازارغا دىزېل تەمىنلىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغىنىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.  يېقىلغۇ باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىمدىن كېيىن ئامېرىكا، روسىيە يېقىلغۇسىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى ۋاقىتلىق يېنىكلەتتى.

زېلېنسكىي بولسا كېلىشىمنى «ئاجىز بىر قارار» ۋە «ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بىر ئۇرۇشقا ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىش كېرەك ئىدى» دېيىش ئارقىلىق ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump eases Russia sanctions, says Putin will release diesel supplies
ئىزدىنىڭ
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ توققۇز ئايلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ دوختۇرخانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى