رۇسىيە بىلەن قازاقىستان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پىلان-لايىھەسىنى بىرلىككە كەلتۈردى

رۇسىيە ئاتوم ئېنېرگىيە شىركىتى-رۇس ئاتوم «Rosatom» قازاقىستاندا چوڭ سىغىملىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خەلقئارالىق بىرلەشمە گەۋدىسىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

رۇسىيە بىلەن قازاقىستان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پىلان-لايىھەسىنى بىرلىككە كەلتۈردى. سۈرەت: ئا ف پ / AFP

رۇسىيە بىلەن قازاقىستان كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، قازاقىستاندا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىلگەن ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويدى.

 

رىيا نوۋوستى (RIA Novosti) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر كېلىشىمنى رۇسىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى شىركىتى رۇس ئاتومنىڭ باش دىرېكتورى ئالېكسېي لىخاچېف ۋە قازاقىستان ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ دىرېكتورى ئالماسادام ساتكاليېف سانت پېتىرسبۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئىمزالىغان.

قازاقىستان بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ رۇس ئاتومنى دۆلەت ئىچىدە چوڭ سىغىملىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خەلقئارالىق بىرلەشمە گەۋدىنىڭ رەھبىرى قىلىپ تاللىغان ئىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن نويابىردا (2024-يىلى) قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

نېفىتنىڭ كۆپ قىسمىنى رۇسىيە ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىۋاتقان قازاقىستان باشقا يوللار ئۈستىدىمۇ ئىزدەنمەكتە.

قازاقىستان ئۆكتەبىردە (2024) تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى قوللاپ بېلەت تاشلىدى. پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ قوللىشىدىكى بۇ پىلان، بىر قىسىم قازاقىستانلىقلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.