ترامپ ئامېرىكالىقلارنى تۇتقۇن قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قارا تىزىملىكىنى تۇرغۇزدى

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پەرمانى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى «ناھەق تۇتقۇن قىلغان» دەپ ئەيىبلەنگەن دۆلەتلەرگە قارشى ئېمبارگو، ساياھەت چەكلىمىسى ۋە ئېكسپورت كونتروللۇقىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

پىرېزىدېنت ترامپ ئاقسارايدا پەرمان ئىمزالىدى. سۈرەت:رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكالىقلارنى ناھەق قولغا ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دۆلەتلەرگە قارشى تۇرغۇزۇلغان قارا تىزىملىك توغرىسىدا پەرمان ئىمزالىدى.

 بۇنىڭدا «گۆرۈگە ئېلىۋېلىش دىپلوماتىيەسى» بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلەنگەن دۆلەتلەرگە قارشى ئېمبارگو ۋە ساياھەت چەكلىمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

مەزكۇر پەرمان تېررورلۇققا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئۈلگە قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دۆلەتلەرنى «ناھەق تۇتۇپ تۇرۇشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ بېكىتىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ.

 بۇنىڭدا ئېمبارگو، ئامېرىكا ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇش ۋە تۈرمىگە تاشلاشقا چېتىشلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق جازالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى سېباستىيان گوركا (Sebastian Gorka) ئاقسارايدا مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن سىز ئىمزالىغان بۇ پەرمان بىلەن، سىز ئامېرىكا پۇقرالىرىنى سودا كوزىرى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويدىڭىز» دېدى.

ھازىرچە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار خىتاي، ئىران ۋە ئافغانىستاننىڭ «داۋاملىق گۆرۈگە ئېلىۋېلىش دىپلوماتىيەسى بىلەن شۇغۇللانغان» دۆلەتلەر قاتارىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنتنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن پەرمانى بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۆز پۇقرالىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن دۆلەتلەرگە بېرىشىنى چەكلەش ھوقۇقىنى بېرىدۇ.

ۋاشىنگتون ئىلگىرى شىمالىي كورېيەگە قارىتا مۇشۇنداق چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان ئىدى.

ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچى ئوتتو ۋارمبىئېر (Otto Warmbier) 2017-يىلى شىمالىي كورېيەدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ساياھەت چەكلىمىسى يولغا قويۇلغان ئىدى.

قارا تىزىملىك ​​يەنە مەلۇم تېررىتورىيەنى كونترول قىلىدىغان، ئەمما دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنمىغان گۇرۇپپىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىيىن جەريان

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى مەزكۇر پەرماننىڭ ھۆكۈمەتكە ھوقۇق دائىرىسىنى ئېنىق ئايرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ سايىدا، ھۆكۈمەتنىڭ قىيىن باسقۇچلاردىن ئۆتمەيلا ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئاسانلىشىدۇ» دېدى، ھەمدە دۆلەتلەر تەلەپلەرنى ئورۇندىغان ئەھۋالدا قارا تىزىملىكتىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

چەت ئەللەردە تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەردىن تارتىپ ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ترامپ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى ماختاپ: «مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە 72 تۇتقۇن قويۇپ بېرىلدى» دېدى.

ئىلگىرى رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن قىلىنغان تۇتقۇن ئالماشتۇرۇشلارمۇ، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئىدى.