خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيەدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەكتەپتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 غا يەتتى
ھىندونېزىيەدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەكتەپتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 غا يەتتى، جەسەتلەرنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
ھىندونېزىيەدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەكتەپتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 غا يەتتى
ھىندونېزىيەدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەكتەپتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 36 غا يەتتى / AP
2025-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى

ياۋا ئارىلىدىكى كۆپ قەۋەتلىك ياتاقلىق مەكتەپ بىناسىنىڭ بىر قىسمى دۈشەنبە كۈنى ئوقۇغۇچىلار پېشىن نامىزىغا يىغىلغاندا تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

دۆلەتلىك ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ھىندونېزىيەدە بىر ئىسلامىي ياتاقلىق مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 16 دىن 36 غا ئۆرلىگەن.

ئىدارە، 13 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان كۆپىنچىسى ئوغۇل ئوقۇغۇچى بولغان 27 ئوقۇغۇچىنىڭ يەنىلا خارابىلىك ئاستىدا يوقاپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ يەتتىنچى كۈنىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

خارابىلىكنى قېزىش ئۈچۈن كرانلار ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ %60 ى تاماملانغان. ئىدارە، بارلىق خارابىلىكنىڭ تازىلىنىشى ۋە ئىزدەش خىزمىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي ياۋا ئۆلكىسىنىڭ سىدوارجو بازىرىغا جايلاشقان ئەل-خوزىنى مەكتىپى، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى بىنانىڭ ئۇلىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى داۋاملىشىۋاتقان قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، پېشىن نامىزى ۋاقتىدا يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Families grieve and wait as rescuers dig through collapsed Indonesian school

ھاياتلىق ئالامىتى تېپىلمىدى

قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى تىرىشچانلىقلىرىدا ھاياتلىق ئالامىتى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، جۈمە كۈنى ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئائىلىلەردىن رۇخسەت ئېلىندى.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى بىنانىڭ قالدۇقلىرىدا تونېل قېزىپ، بالىلارنى ئىسمى بىلەن چاقىردى ۋە ھەرىكەت سېزىش سېنزورلىرىنى ئىشلەتتى، ئەمما ھاياتلىق ئالامىتى كۆرۈلمىدى.

ئەل-خوزىنى يەرلى تىلدا «پېسانترېن» (ئىسلام مەدرىسەسى) دەپ ئاتالغان بىر ئىسلامىي ياتاقلىق مەكتەپ ئىدى.

دۇنيادىكى مۇسۇلمان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان ھىندونېزىيەدە، دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 42،000 پېسانترېن بار بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە 7 مىليون ئوقۇغۇچى ئىلىم تەھسىل ئالماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە  6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى
ئىراندا توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىۋاتقاندا جاكارتادىن ۋاستىچىلىق تەكلىپى كەلدى
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
چەلىك: ئىران ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە
ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلدى
مېدۋېدېۋ: ئامېرىكا ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ
خ ئا ئې ئا: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكەنلىكىگە دائىر ئالامەت كۆرمىدى
ب د ت: ئىسرائىلىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىنى توختىتىپ قويدى
ئىران ھۇرمۇز بۇغىزىنى تاقايدىغانلىقى، ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى
تۈركىيە بىلەن ئىران كۈندىلىك چېگرا ئۆتۈشلىرىنى توختاتتى
ئىران پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسدىىكى قانلىق توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا