يەمەن ئۇچقۇسى 50 ئىسىرائىلىيەلىكنى يارىلاندۇردى

يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇچقۇ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئېيلات شەھىرىگە چۈشتى ۋە كەم دېگەندە 50 ئادەم يارىلاندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئېيلات شەھىرى ئۈستىدىن ئۇچۇۋاتقان بىر ئۇچقۇ. سۈرەت: ت ر ت ۋورلد. / TRT World

يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇچقۇ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئېيلات شەھىرىگە چۈشتى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇچقۇ ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. ھۇسىيلار بۇ ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە تىببىي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يارىلانغان 50 ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ «يېدىيوت ئاھرونوت گېزىتى» (Yedioth Ahronoth) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇچقۇ قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئېئات شەھىرىنىڭ ساياھەت مەركىزىدىكى بولغان سودا مەركىزىگە چۈشكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ يەمەندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە توسۇشلاردىن ئۆتۈپ ئېيلاتقا كېلىپ چۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ھۇسىي ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سارى «ئىككى ئۇچقۇ بىلەن سۈپەتلىك ھەربىي ھەرىكەت» ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، ھەرىكەتتە ئېيلاتتىكى ئىككى ئىسرائىلىيە بازىسىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ۋە «نىشانلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بېرىلگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيە بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلىدە يۈز بەردى. يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تەرەپلەر بىر-بىرىگە زەربە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ھۇدەيدە شەھىرىدىكى ھۇسىي بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى يەمەن پايتەختى سانئاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 12 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۇسىي ئەمەلدارى جېنىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە باش مىنىستىر ئەھمەد ئەل-راھەۋى ۋە باشقا توققۇز مىنىستىر بار.

غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىككىنچى يىلىغا يېقىنلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

يەمەننىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىۋاتقان ھۇسىيلار پەلەستىنلىكلەرنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلاپ،  ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى.