ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىسرائىلىيەنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى» نىڭ شېرىكى
تېھران بىرләشكән دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياۋەرلىك كۆزەتچىسىنى تەنقىدلىدى، ئۇنىڭ باشلىقى رافائېل گروسسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا تەرەپداشلىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ ئىران ئۈستىدىكى تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىران: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىسرائىلىيەنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى» نىڭ شېرىكى
ئىران تېل ئاۋىۋنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى / Reuters
2025-يىلى6-ئاينىڭ20-كۈنى

ئىران تېل ئاۋىۋنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش دېرىكتورى رافايېل گروسسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. تېھران گروسسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان «تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى» ئالدىدا ئورگاننىڭ بىتەرەپلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە  دەپ ئەيىبلىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى پەيشەنبە كۈنى گروسسىغا خىتابەن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «سىلەر يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىگە خىيانەت قىلدىڭلار. سىلەر بۇ ئورگاننى بۇ ئادالەتسىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار» دېدى.

بۇ ئەيىبلەش گروسسىنىڭ: «ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشىدە سىستېمىلىق ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق» دېگەن باياناتىدىن كېيىن كەلدى.

بەقايى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ بايانات بەك كېچىكىپ كەتتى، گروسسى ئەپەندى! سىز E3/ئامېرىكا تەرىپىدىن <ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلماسلىق> دېگەندەك ئاساسسىز دەۋاغا ھەم پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمە قاراشقا ئاساسەن تەييارلانغان دوكلاتىڭىزدا بۇ ھەقىقەتنى يوشۇردىڭىز.»

ئالدىنقى ھەپتە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراننى ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يادرو قوراللىرى كېلىشىملىرىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

2015-يىلدىكى ئىران بىرلىكتە يادرو كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئۈچ ياۋروپا دۆلىتى (گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە) قوللىغان ۋە ئامېرىكانىڭ تۆھپىسى بىلەن چىقىرىلغان بىر قاراردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو قوراللىرى نازارەتچىسى ئىراننى يادرو كېلىشىمىگە «ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

بەقايى ئىسرائىلىيەنى نەزەردە تۇتۇپ مۇنداق دېدى:

 «ئوخشاش شەكىلدىكى بىر قارار ئىرقىي قىرغىنچى بىر ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىسى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئىرانغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلاش ۋە تىنچلىقنى نىشان قىلىدىغان يادرو مۇئەسسەسەلىرىمىزگە قانۇنسىز ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئاخىرقى باھانە سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى.

بۇ جىنايىەت ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە قانچە گۇناھسىز ئىرانلىق ئۆلتۈرۈلدى ياكى يارىلاندى؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىكىگە تەيىنلىنىدىغان خەلقئارالىق بىر خادىم شۇنداق سىنىلامدۇ؟»

 «يالغانچىلىق ھېكايىلىرىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى بار»

 

ئىرانلىق باياناتچى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش دىرېكتورىنى بۇ ئورگاننى «بۇ ئادالەتسىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ شېرىكى» گە ئايلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

«سىز خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنى يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىگە ئەزا بولمىغانلارنىڭ بۇ تۈزۈمنىڭ ئەزالىرىنى 4-ماددىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىلىق ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش قورالىغا ئايلاندۇردىڭىز. ۋىجدانىڭىز خاتىرجەممۇ؟

يالغانچىلىق ھېكايىلىرىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى بار، گروسسى ئەپەندى، بۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.»

جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيە ئىراندىكى ھەربىي ۋە يادرو مۇئەسسەسەلەر قاتارلىق نۇرغۇن نۇقتىلارغا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىپ، يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. بۇنىڭغا جاۋابەن تېھرانمۇ ئىسرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

ئىراننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتىدا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنى ھازىرقى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

زارىف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىران ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ مۇددىئايىمىزدىن گۇمانلىنىشنى تاللىسا، بۇ مەزكۇر ئورگاننى ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىق بولىدۇ.»

 گروسسى ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

 

ئىراننىڭ يادرو سۆھبەتچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ مەيدانىنىڭ «سىياسىيلاشتۇرۇلغان» لىقىنى، بۇنىڭ مەزكۇر ئورگاننىڭ تېخنىكىلىق ۋەزىپىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەرەپسىز بولۇشى ۋە سىياسىي بېسىم قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى تەكرارلاپ، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئىشەنچكە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېھراننىڭ تەنقىدلىرى گروسسىنىڭ CNN تېلېۋىزىيەسى بىلەن ئۆتكۈزگەن يەنە بىر سۆھبىتىدىن كېيىن كەلدى. بۇ سۆھبەتتە، گروسسى ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن، ئەمما ئىراننىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى